رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى ۋە توردا ئەسەر ئېلان قىلغان يازغۇچىلارنىڭ ئىنتېرنېت ئالاقىلىرىگە قاراتقان نازارەتنى كۈچەيتىش ھەم كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىنىڭ جىنايىتىنى بېكىتىشتە، ئۇلارنىڭ سكايپې ۋە تۋىتېردىكى سىنئالغۇ ھەم تېكىست ئۇچۇرلىرىنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈش ئوبيېكتى قىلغانلىقى مەلۇم بولغان.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، 31-يانۋار سەيشەنبە كۈنى خاڭجۇ سوت مەھكىمىسى «دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىگەن جۇ يۈفۇغا جىنايەت بېكىتىشتە، جۇ يۈفۇنىڭ بۇلتۇر ئەتىيازدا خىتايدا قوزغالغان ياسىمەن گۈلى ھەرىكىتى مەزگىلىدە، يازغان يازمىلىرى ھەم باشقىلار بىلەن سكايپېدا يېزىشقان تېكىست ئالاقىلىرىدىكى ئۆچۈرۈلمەي قالغان ئۇچۇرلارنى سوتتا جىنايى پاكىت سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇلارنىڭ جۇ يۈفۇنىڭ «دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشقا قۇتراتقۇلۇق قىلغانلىقى»نىڭ پاكىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
بۇلتۇردىن بۇيان خىتاينىڭ ئىنتېرنېت ئالاقىلىرىگە قاراتقان كونتروللۇقى تېخىمۇ كۈچەيگەن. بولۇپمۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نۇقتىلىق ھالدا، فەيسبوك، تۋىتېر، سىكايپې قاتارلىقلارنىڭ خىتايدىكى ئالاقە تورىنى كونترول قىلىپ، ئىنتېرنېت ساقچىلىرىنىڭ شەخسلەرنىڭ خەت-ئالاقىلىرىنى خالىغانچە كۆرۈشى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن ئەيىبلىنىپ كەلمەكتە.