ئىنتېرنېت قوللانغۇچىلىرىنىڭ سانى ئىلگىرىكى يىلدىن 11 پىرسەنت ئۆرلىگەن. بۇنىڭدىن سىرت، قول تېلېفون ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش باشقا ئەسۋابلار ئارقىلىق تورغا چىقىدىغان ئابونت سانىمۇ 22 پىرسەنت ئۆرلەپ، 388 مىليونغا يەتكەن. يەنى، خىتاي بويىچە نوپۇسنىڭ 40 پىرسەنتى ئىنتېرنېت ئىشلىتىشكە باشلىغان.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىقتىساد ۋە مائارىپنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئىنتېرنېت ئىشلىتىشنى كەڭ تەشەببۇس قىلسىمۇ، ئەمما سىياسىي جەھەتتە سەزگۈر مەسىلىلەرگە ئالاقىدار مەزمۇنلارنى قاتتىق چەكلەپ كەلمەكتە. دۇنيادا مىسىر ۋە تۇنىستىكى خەلق ھەرىكەتلىرىدە زور رول ئوينىغانلىقى بىردەك ئېتىراپ قىلىنىۋاتقان فېيسبۇك ۋە تۋىتتىرغا ئوخشاش ئىجتىمائىي ئالاقە تور بەتلىرىمۇ خىتايدا قاتتىق چەكلەنگەن.
تېخى يېقىندىلا خىتاي دائىرىلىرى ئىنتېرنېت ئىشلىتىشكە ئالاقىدار ماددىلارنى قايتىدىن رەتلەپ چىقىپ، تۈزۈملەرنى چىڭىتقان ئىدى. ئەمما كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتى ئىنتېرنېتنى قانچىلىك كونترول قىلىشىدىن قەتئىينەزەر ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئۇچۇرنىڭ ئەركىن تارقىلىشىنى تامامەن كونترول قىلىپ كېتەلمەيدىغانلىقىنى، ئىنتېرنېتنىڭ خىتاي پۇقرالىرىغا مۇنازىرە قىلىش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەنلىكىنى ۋە بۇ مۇنازىرىنىڭ خىتاي جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتىدا زور رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
خىتاي دائىرىلىرى 2009-يىلىدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن 10 ئاي بارلىق ئۇچۇر-ئالاقە ۋاسىتىلىرىنى تاقاپ، داڭلىق ئۇيغۇرچە تور بەتلەرنىڭ ساھىبلىرىنى تۈرمىگە قامىغان ئىدى.