خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدا ئىنتېرنېتنى قىسمەن ئېچىۋېتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2009.12.29
2009.12.29
ئۇقتۇرۇشتا، 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن، ۋەزىيەتنى تېنجىتىش ۋە مۇقىملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئىنتېرنېت ۋە تېلىفون قاتارلىق ئۇچۇر ئالاقە سىستىمىسغا چەكلىمە قويۇلغانلىقى، بۇنىڭ مۇقىملىقنى قوغداشتا ناھايىتى ياخشى رول ئوينىغانلىقى؛ ئەينى ۋاقىتتا يەنە بۇ چەكلىمىنىڭ رايوننىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش ئىشلىرىغا قولايسىزلىقلار ئېلىپ كەلگەنلىكى بايان قىلىنغان.
ئۇقتۇرۇشتا، 28 - دېكابىردىن باشلاپ، بىرقسىم تورلارنىڭ ئېچىلىدىغانلىقى، قول تېلىفوندا تېكست يوللاشقا قىسمەن يول قويۇلىدىغانلىقى، قەدەممۇ-قەدەم ئۇزۇن يوللۇق يەنى خەلقئارالىق تېلىفوننىڭ ئېچىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. يەنە ئۇقتۇرۇشتا مەزكۇر قارارنى چىقىرىش ئۈچۈن، رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ جىددىي مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقى، مەركەزنىڭ تەستىقىنى ئالغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئىنتېرنېت ۋە تېلىفون ئالاقىسىنى 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدە قوزغاتقۇچ رول ئوينىغان مۇھىم ئامىللاردىن بىرى دەپ قاراپ كەلگەن. ئەمما كۆزەتكۈچىلەر بولسا، ۋەقەنى ئاساسلىقى خىتاينىڭ 60 يىللىق خاتا سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئۇچۇر-ئالاقە چەكلىمىسىنى، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەقە چىقىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دەپ چۈشەندۈرسە، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، رايوندىكى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى دۇنيادىن يوشۇرۇش ئۈچۈن دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.