ئۇ يەنە، خىتاينىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن كېڭەشنىڭ ھەر تۈرلۈك قارارلىرىغا ئىزچىل ئەمەل قىلىپ كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاھىدە مەسلىھەتچىسى روبېرت ئېينخورننىڭ سۆزىگە قارىتا بۇ جاۋابنى بەرگەن. روبېرت ئېينخورن بۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا خىتاي، ياپونىيە، جەنۇبىي كورىيە ۋە ئەرەب خەلىپىلىكى قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتىدىن ئىلگىرى بەرگەن باياناتىدا خىتاينى ئىران مەسىلىسىدە مەسئۇلىيەتچان بولۇشقا ۋە مەسئۇلىيەتچان دۆلەتلەر ئىران بىلەن چئېگرا ئايرىپ، سودا مۇناسىۋەتلىرىنى توختاتقاندا، ئۇلارنىڭ ئورنىنى ئىگىلەپ پۇرسەتپەرەسلىك قىلماسلىققا چاقىرغان ئىدى.
خىتاي ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا داۋاملىق ھالدا مەسىلىنى دىپلوماتىيىلىك يول بىلەن ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەسىلىدە كەسكىن تەدبىر ئېلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلمەكتە ۋە ئىران بىلەن بولغان تىجارىي مۇناسىۋەتلىرىنى ئاشۇرۇپ بارماقتا. خىتاينىڭ بۇ خىل پوزىتسىيىسى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب ئەللىرىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىماقتا.