خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى بېيجىڭدىكى ئىش بېجىرىش ئورگانلىرىنى قىسقارتماقچى

خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ھەر قايسى جايلارنىڭ ۋە ئورگانلارنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورگانلىرىنى كەڭ كۆلەمدە قىسقارتىشنى قارار قىلغان.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2010.01.24

ب ب س نىڭ خىتاي مەتبۇئاتلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، نۆۋەتتە، بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىك ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرىنىڭ سانى 52، شەھەر دەرىجىلىك ئىش باشقۇرۇش ئورۇنلىرى 500، ئۇنىڭدىن باشقا ھۆكۈمەتكە تەۋە ۋە ھەر قايسى ئورگانلارنىڭ ئىش باشقۇرۇش ئورۇنلىرى 10 مىڭدىن ئارتۇق ئىكەن.

خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىك ئىش باشقۇرۇش ئورۇنلىرىنى ساقلاپ قالغاندىن سىرت قالغان، ئوبلاست، ۋىلايەت، شەھەر ھەم باشقىلارنىڭ ئىش باشقۇرۇش ئورۇنلىرىنى تەكشۈرۈپ، بېكىتكەندىن كېيىن ئېھتىياجغا قاراپ ئېلىپ قېلىنىش بىلەن قالغان بارلىق ئىش باشقۇرۇش ئورۇنلىرى بىردەك قىسقارتىلىدىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب ئىش باشقۇرۇش ئورۇنلىرى نامى بىلەن دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىنى قالايمىقان چىقىم قىلىش، پارىخورلۇق كۆپەيگەن بولۇپ، بارلىق ئىش باشقۇرۇش ئورۇنلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە بىر يىللىق ئومۇمىي چىقىمى 10 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ كېتىدىكەن. 52 مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىك ئىش باشقۇرۇش ئورنىنىڭ خىزمەتچىسى 8000 دىن ئارتۇق بولۇپ، قالغانلىرىنى ھېسابلىغاندا، بۇ زور سان ھېسابلىنىدىكەن.

خەۋەرلەردىن قارىغاندا، بېيجىڭدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىش باشقۇرۇش ئورگىنىدىن باشقا يەنە بىر قىسىم ۋىلايەت ھەم بىڭتۇەننىڭ ئىش باشقۇرۇش ئورۇنلىرىمۇ تەسىس قىلىنغان بولۇپ، خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بىڭتۇەننىڭ ئىش باشقۇرۇش ئورۇنلىرى ساقلىنىپ قېلىنىدىغان ئورۇنلار قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.