بىر خىتاي ئىشچى كەم قالغان مائاشى ئۈچۈن ئۆچ ئېلىپ 14 ئادەمنى ئۆلتۈرگەن

سەيشەنبە كۈنى خىتاينىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدە بىر خىتاي ئىشچى كەم قالغان مائاشى ئۈچۈن ئۆچ ئېلىپ، ئۆزى ئىشلىگەن بىر ئىچ كىيىم زاۋۇتىغا ئوت قويۇپ 14 ئادەمنى ئۆلتۈرگەن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا خەۋەر قىلىشىچە، ليۇ فامىلىلىك بۇ خىتاي ئىشچى 3 يىل ئاۋۋال ئىشتىن ھەيدەلگەندە ئۇنىڭغا 500 يۈەن كەم بېرىلگەن ئىكەن.

ئۇ شۇندىن كېيىن بۇ كەم قالغان مائاشىنى ئالالمىغان ۋە نەتىجىدە ئۆزى ئىلگىرى ئىشلىگەن زاۋۇتقا ئوت قويغا. ئوتتا ئۆلگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئاياللار ئىكەن.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتايدا ئىشچىلار مائاشىنى ئالالماسلىق، خەتەرلىك خىزمەت مۇھىتلىرىدا ئىشلەشكە مەجبۇرلىنىش قاتارلىق دەپسەندىچىلىكلەرگە ئۇچرايدىكەن.

بۇلتۇر ئاپرېلدا بېيجىڭدىكى بىر كىيىم زاۋۇتىدا ئوت كېتىپ 17 ئادەم ئۆلگەن ئىدى.