خىتاي ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسىنىڭ بېيجىڭدا تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىشى خوڭكوڭلىقلارنىڭ گۇمانىنى قوزغىدى

خىتاي ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جوڭ گۇئوخۇئا ئۈچۈن خوڭكوڭدا ماتەم مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭغا خىتاي كوممۇنىستلىرى بىلەن ئوخشىمىغان كۆز قاراشقا ئىگە زاتلار، پارتىيە - گۇرۇھلارنىڭ ۋەكىللىرى ئىشتىراك قىلغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 43 ياشلىق جوڭ گۇئوخۇئا ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى بولۇپ، مۇئاۋىن رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالغان. ئۇ 9 - ئايدا بېيجىڭغا كەلگەن بولۇپ، 9 - ئاينىڭ 7 - كۈنى كەچ سائەت 9 - دا بېيجىڭدىكى مۇھاجىرلار مېھمانخانىسىدىكى ئۆزىنىڭ ياتاقخانىسىغا كىرىپ كېتىپ چىقمىغان ھەمدە ئەتىسى تاڭ سەھەردە ئۇنىڭ جەسىتى سېزىلگەن بولۇپ، بېيجىڭ دائىرىلىرى ئۇنىڭ "تۇيۇقسىز قوزغالغان يۈرەك كېسىلى" بىلەن ۋاپات بولغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

خىتاي ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ رەئىسى فاڭ يۈئەن ماتەم مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ، جوڭ گۇئوخۇئا ياتىقىغا كىرىپ كېتىپ، ئۆلگىچە بولغان ئارىلىقتا ئۈچ سائەت ئۆتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆلۈم ئالدىدا ھېچ قانداق قۇتۇلدۇرۇش چارىسى قوللانمىغانلىقىدىن ھەيران ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. بۇ پارتىيىنىڭ ئەزالىرى ئۆزلىرىنىڭ جوڭ گۇئوخۇئانىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈمىدىن گۇمان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىشچىلار پارتىيىسى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن جوڭ گۇئوخۇئانىڭ ئۆلۈمىنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالىنى ئېنىقلاپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. جوڭ گۇئوخۇئا ئەسلىدە گۇاڭدوڭ ئۆلكىسىدىن بولۇپ، خوڭكوڭغا كۆچمەن بولغان ھەمدە ئاخباراتچىلىق كەسپىي بىلەن شۇغۇللىنىپ، بىر قانچە گېزىتلەردە ئىشلىگەن ھەمدە "پايتەخت " گېزىتىنىڭ ئىجرائىيە باش مۇھەررىرلىك ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرغان ئىدى.

ئۇ يەنە ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ ئاخبارات ۋە تەشۋىقات ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغان. ئۇ ئۆزىگە باشقا تەخەللۇسى قوللانغان بولۇپ، مېيىپلار ئولىمپىك مەزگىلىدە بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ رۇخسىتى بىلەن چوڭ قۇرۇقلۇققا كېلىپ، زىيارەت قىلىش ۋە خەۋەر بېرىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان ئىكەن. ئەمما ئۇ، بۇ جەرياندا تۇيۇقسىز ئۆلگەن.