خىتاينىڭ ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدە چۈشۈش كۆرۈلمەكتە

خىتاينىڭ ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدە ئۇدا ئۈچ ئايدىن بۇيان داۋاملىق چۈشۈش كۆرۈلمەكتە. ئەنگىلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خىتاينىڭ ماددى ئەشيالارنى يۈرۈشتۈرۈش ۋە سېتىۋېلىش بىرلەشمىسىنىڭ تەكشۈرۈش ماتېرىيالدىن نەقىل كۆرسىتىپ تارقاتقان خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 7 - ئايدا 51.2% بولغان بولۇپ، بۇنىڭدىن ئالتە ئاي ئىلگىرىكىدىن 0.9% تۆۋەنلىگەن. 7 - ئايدىكى دوكلات بويىچە ئالغاندا، خىتاينىڭ ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى يېقىنقى 17 ئاي ئىچىدىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيىگە چۈشكەن. بۇ ئەھۋالغا قاراپ تۇرۇپ، خىتاي ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىنىڭ چۈشۈشكە قاراپ يۈزلىنىۋاتقانلىقى جەزىملەشتۈرۈلگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، يېڭى مال زاكاز قىلىش، ئىشلەپچىقىرىش مەھسۇلاتلىرىنىنىڭ جۇغلانمىسى، سېتىۋېلىش باھاسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە تۆۋەنلەش كۆرۈلگەن. بىراق، بۇنداق بولۇشىغا قارىماي، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىقتىسادنىڭ ئۆسۈش مىقدارىنىڭ يەنىلا ساغلاملىقىنى كۆرسەتكەن. كانادالىق ئىقتىسادشۇناس جېكسوننىڭ قارىشىچە، ئەگەر خىتاينىڭ ئېكىسپورت مىقدارى داۋاملىق تۆۋەنلىسە، ھۆكۈمەت بۇنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور مەبلەغ ئاجرىتىش ئارقىلىق بېسىمنى ئازايتىشقا تىرىشىدۇ.