خىتاي سانائەت ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتى 6 ئايدىن بېرى داۋاملىق تۆۋەنلەپ كەلمەكتە

خىتاينىڭ دۆلەتلىك سانائەت ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتىنى ئۆلچەپ تۇرىدىغان ئورگىنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىۋېلىش دىرېكتورلار كۆرسەتكۈچى دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتاي سانائەت ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتى 6 ئايدىن بېرى داۋاملىق تۆۋەنلەپ كەلمەكتە ئىكەن.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ كۆرسىتىشىچە، باش شتابى خوڭكوڭغا جايلاشقان مەزكۇر ئورگاننىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، گەرچە خىتاينىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتى دېكابىردىكىدىن بىر پوئىنتقا ئۆرلەپ 42.2 پوئىنتقا يەتكەن بولسىمۇ، ئەمما نورمال 50 پوئىنتلىق ئۆلچەمدىن يەنىلا تۆۋەن بولغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ئىگىلىكى خىتاي دۆلەت ئىقتىسادى ئىگىلىكىنىڭ 40 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىغان بولۇپ، ئەگەر سانائەت ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتى تۆۋەنلىسە، بۇ خىتاينىڭ ئومۇمىي ئىگىلىكىگە بىۋاسىتە ئەكس تەسىر كۆرسىتىدىكەن.

خىتاي سانائەت ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ خىتايدا ئىشسىزلىق نىسبىتىمۇ بارغانچە ئېغىرلىشىدىغان بولۇپ، بېيجىڭ دائىرىلىرى ئىشسىزلىق مەسىلىسىنىڭ جەمئىيەتتە مالىمانچىلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىشتىن ئەندىشە قىلماقتا.