بۇ جىنايەت گۇماندارلىرى ھازىر، ۋېنگرىيە تەرىپىدىن ئامېرىكىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىش ئالدىدا تۇرماقتا.
گەرچە ۋېنگرىيە ئۇچۇر ۋاستىلىرى بۇ ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى ئاشكارىلىمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ تەخمىنلىشىچە، ئامېرىكا ھازىر خىتاينىڭ بىخەتەرلىك تارماقلىرى تەيۋەندىن تىبەتكىچە كېڭەيتىۋاتقان چوڭ ھەرىكەت پىلانىنى چوڭقۇر تەكشۈرۈۋاتقان ۋە ھازىر جەنۇبىي دېڭىزدا خىتاي بىلەن جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئارىسىدا تېررىتورىيە ماجىراسى بولۇۋاتقان ۋەزىيەتتە، بۇ ۋەقە خىتاي بىلەن ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋىتىنى بۇزىدىغان يەنە بىر مۇھىم ۋەقە بولۇپ قالىدۇ.
خىتاينىڭ ئىنگلىزچە چىقىدىغان 'جۇڭگو گېزىتى'دە ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاينىڭ بۇداپېشتتا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ۋېنگىرىيىدە قولغا ئېلىنغان بۇ ئىككى خىتاينى 'ئامېرىكا تەرىپىدىن، خىتايغا ھەربىي مەقسەت ئۈچۈن ئالەم بوشلۇقىدا قوللىنىدىغان مىكرو ئۆزەكتىن 40 نى سېتىۋېلىش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەت قىلىۋاتقان جاسۇسلار دەپ تەكشۈرۈۋاتقان كىشىلەر ئىدى، بىز ئۇلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن تىرىشىمىز' دېگەن.
