ئەسلى يۇرتى بېيجىڭلىق بۇ خىتاي 1997 - يىلى فورد شىركىتىگە خىزمەتكە كىرىپ، 2007 - يىلىغا قەدەر بۇ شىركەتتە ئىشلىگەن. ئەيىبنامىدە يۈي شياڭدۇڭنىڭ 2005 - يىلى فورد شىركىتىنىڭ بىر مەخپىي لايىھىسىنى خىتاي ئاپتوموبىل شىركىتىگە بەرگەنلىكىنى، لېكىن ئۇنىڭ خىتاي شىركىتىدىن خىزمەت تېپىش ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئەيىبنامىدە يەنە، يۈي شياڭدۇڭنىڭ شۇنىڭدىن بىر يىل كېيىن كالىفورنىيىدىكى كومپيۇتىر ئەسۋاپلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان بىر شىركەتنىڭ خىتايدىكى زۇۋۇتىدىن خىزمەت تېپىپ، فورد شىركىتىدىكى خىزمىتىدىن ئايرىلىماقچى بولغانلىقىنى، بۇ شىركەتتىكى خىزمىتىدىن ئايرىلىشتىن بىر قانچە كۈن بۇرۇن مەزكۇر شىركەتنىڭ 4 مىڭ بەتلىك ماتېرىيالىنى كۆچۈرۈۋالغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
يۈي شياڭدۇڭ فورد شىركىتىنىڭ كومپيۇتېرىدىن كۆچۈرۈۋالغان بۇ ماتېرىياللار مەزكۇر شىركەتنىڭ موتور، ماشىنا رولى، ئىشىك، خوت، ئاۋاز ۋە ئىسسىقلىقنى كونترول قىلىش تېخنىكىسىغا ئائىت لايىھەلەر ئىكەن. يۈي شياڭدۇڭ 2007 - يىلى 12 - ئايدا فورد شىركىتىدىن ئوغرىلىغان بۇ ماتېرىياللارنى ئىشلىتىپ، 2008 - يىلى 4 - ئايدا شاڭخەي ئاپتوموبىل سانائەت شىركىتىدىن خىزمەت تاپماقچى بولغان.
خەۋەرلەردە ئۇنىڭ 14 - چىسلا چىكاگو خەلقئارا ئايرودرومىدىن ئامېرىكىغا كىرگەندە قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەگەر يۈينىڭ جىنايىتى مۇقىملاشسا 40 يىلغا قەدەر قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن.
