ما جاۋشۇ باياناتىدا " بۇلتۇر لاسادا پارتلىغان " 14 - مارت توپىلىڭى" ئېغىر مالىمانچىلىق ۋەقەسى بولۇپ،جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئىشنى دۆلەت قانۇنى بويىچە بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقى بار."دېدى.
ما جاۋشۇ مۇخبىرنىڭ " ئىسپانىيە سوتىنىڭ بۇ ھۆكۈمى جۇڭگو - ئىسپانىيە دۆلەتلىرىنىڭ مۇناسىۋىتىگە تەسىر يەتكۈزەمدۇ؟"دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، " مەن باشقا دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا قانۇنلارنى دەستەك قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىقىنى، جۇڭگونى پارچىلىماقچى بولغان بۆلگۈنچى كۈچلەرگە يانتاياق بولماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن،" دېدى.
2009 - يىلى 5 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، ئىسپانىيە سوتچىسى سانتياگو پەدراز تىبەت، ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەت رايونلىرىدا ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش جىنايىتى ئۆتكۈزگەن خىتاي دىكتاتورلىرىنى، خەلقئارادا تۇتۇش ھەققىدە بۇيرۇق چىقارغانلىقىنى خىتاينىڭ ئەدلىيە مىنىستىرلىقىغا ئۇقتۇرغان ئىدى.
ئىسپانىيە دۆلەت سوتىنىڭ بۇ سوتچىسى ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرغان جىنايەت گۇماندارلىرى دەپ ئاتىغان سەككىز كىشىنىڭ ئىچىدە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈەن، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ تىبەتكە قويغان سېكرېتارى جاڭ چىڭلى، خىتاينىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لياڭ گۇاڭليې، دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرى گېڭ خۇيچاڭ، جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىسىترى مېڭ جيەنجۇ، مىللىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى دېجۇ قاتارلىقلار بار ئىدى.