جون: خىتاينىڭ ئۆسۈۋاتقان ئىقتىسادىي كۈچى ئامېرىكىنىڭ ۋۇجۇدىدىكى يوشۇرۇن كۈچنى ئاجىزلىتالمايدۇ

خىتايدا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ سابىق باش ئەلچىسى جون ھۇنتسمان شەنبە كۈنى جەنۇبىي كارولىنا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغۇچىلارغا نۇتۇق سۆزلەپ، خىتاي ئىقتىسادىي ئۆسۈۋاتقان بولسىمۇ، ئامېرىكىغا تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: خىتاينىڭ ئۆسۈۋاتقان ئىقتىسادىي كۈچى ئامېرىكىنىڭ ۋۇجۇدىدىكى يوشۇرۇن كۈچنى ئاجىزلىتالمايدۇ.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى : بىزنىڭ رىقابەتكە ئەدەپ بىلەن قۇچاق ئاچالايدىغان ھۆر ۋە ئەركىن ئىجتىمائىي جەمئىيىتىمىز، تەۋەككۈلچىلىك ۋە كەشپىيات روھىغا ئىناملار بىلەن جاۋاب قايتۇرىدىغان ئەركىن بازار سىستېمىمىز، يەنىلا پۈتۈن دۇنيانىڭ ھەۋىسىنى قوزغاپ تۇرماقتا. بىز يەنە بۇرۇنقىدەكلا ئۆزىمىزنىڭ ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ كەلمەكتىمىز.

جون ھۇنتسمان جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىدىن بولۇپ، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما تەرىپىدىن خىتايغا ئەلچىلىككە تەيىنلەنگەن. ئۇ 2011- يىلى 30- ئاپرېل ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن ئىدى.

ئۇ خىتايدىكى ۋاقتىدا خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكى قاتارلىقلاردا ئۆزنىڭ كەسكىن مەيدانىنى ئىپادىلەپ غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى.