مەزكۇر بىرلەشمىنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆكتەبىردە ئېكسپورت ۋە باشقا ساھەلەردىكى كۆرسەتكۈچلەر 2005 - يىلى سېنتەبىردىكى 51.2 پىرسەنتتىن 44.6 پىرسەنتكە چۈشۈپ قالغان بولۇپ، بۇ، كۆرسەتكۈچنىڭ 50 دىن تۆۋەن بولۇشى، ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلىشىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
شۇنىڭ بىلەن خىتايدىكى ئاساسلىق پايچىك بازىرىنىڭ كۆرسەتكۈچى ئۆتكەن ئىككى يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە چۈشكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ ئېكسپورت نىسبىتى يىلىغا 20 پىرسەنت نىسبەتتە ئۆرلەپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا ئانالىزچىلارنىڭ ئېيتقانلىرىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىلىشىچە، دۇنيا مىقياسىدا كۆرۈلۈۋاتقان بازار ئېھتىياجىنىڭ تۆۋەنلىشىشىگە ئەگىشىپ خىتاينىڭ ئېكسپورت نىسبىتى كەلگۈسىدە نۆلگە چۈشۈپ قېلىش مۇمكىنچىلىكى بار ئىكەن.
خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋمۇ خىتاي ئىگىلىكىدىكى بۇ نۇقتىنى ئېتىراپ قىلغان بولۇپ، ئۇ ئۆزى بۇ ھەقتە خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ نەشر ئەپكارى "ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش" جۇرنىلىدا ئېلان قىلغان بىر پارچە ماقالىسىدە 2008 - يىلىنىڭ خىتاي ئىگىلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىسىز بىر يىل بولىدىغانلىقىنى، بۇ خىل تۆۋەنلەشنىڭ بۇنىڭدىنمۇ يامانلىشىشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.