ئامېرىكا - خىتاي ئىقتىسادىي ۋە خەۋپسىزلىك تەكشۈرۈش كومىتېتى يىللىق دوكلاتىدا: "بېيجىڭ ناۋادا تەيۋەن - جۇڭگو ئۇرۇشى يۈز بېرىپ ئامېرىكا ئوتتۇرىغا چۈشسە، ئامېرىكىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن دېڭىز ئارمىيىسىنى كۈچلەندۇرۇۋاتىدۇ،" دېدى.
دوكلاتتا يەنە، خىتاينىڭ ھازىر ئىنتېرنېت تورى جاسۇسلىقى ۋە تور ئۇرۇشى ئىقتىدارىنىمۇ ئاشۇرۇپ، ئامېرىكىنىڭ ئىنتېرنېت تور سېستىمىسىغا تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى ۋە "خىتاي، جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرىنىڭ كۆلىمى، دەرىجىسى ۋە ئىختىساسلىشىشىنى كۈندىن - كۈنگە ئاشۇرماقتا،" دەپ ئەسكەرتتى.
ئامېرىكا - خىتاي ئىقتىسادىي ۋە خەۋپسىزلىك تەكشۈرۈش كومىتېتى 2000 - يىلى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تارمىقىدا قۇرۇلغان بىر ئورگان بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن كۈنسايىن ئېشىپ بېرىۋاتقان تىجارىتىنىڭ خەۋپسىزلىككە بولغان تەسىرى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ. "ب ب س" نىڭ دىيىشچە، بۇ قېتىملىق دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەر بۇ ھەيئەتنىڭ بالدۇرقى يىللاردا ئېلان قىلغان دوكلاتلىرىدىكىدىن نەچچە ھەسسە جىددىي ئىكەن.
ئەمما، خىتاينىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ باۋدۇڭ دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغانلارنى ئىنكار قىلىپ، ئۇنىڭ "سوغۇق ئۇرۇش چۈشى" ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.