خىتاي ھۆكۈمىتى موڭغۇل چارۋىچىنى ئاپتوموبىل بىلەن يانجىپ ئۆلتۈرگەن خىتاي شوپۇر ئۈستىدىن سوت ئاچتى

خىتاينىڭ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدىكى شىرىنغول ئايمىقى ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى بۈگۈن، غەربىي ئۈجمىچىن يايلىقىدا موڭغۇل چارۋىچى مېرگېننى كۆمۈر توشۇيدىغان ئاپتوموبىل بىلەن يانجىپ ئۆلتۈرگەن خىتاي شوپۇر ئۈستىدىن 6 سائەت سوت ئاچتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، جىنايەتچى لى لىندۇڭغا ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلدى. ياردەمچى شوپۇرغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى، قاتىلنى قاچۇرۇۋەتكەن ئىككى كىشىگە 3 يىللىقتىن قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىندى. ئەمما جازا ھۆكۈم قىلىنغان بۇ 4 كىشىنىڭ ھەممىسى ھۆكۈمگە قارشى ئەرز سۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي بۈگۈن ئىچكى موڭغۇلدا سوت ئېچىپ ھۆكۈم چىقارغان دېلو، ئۆتكەن ئايدا موڭغۇل يايلاقلىرىدا غەزەپلىك چوڭ نامايىش قوزغىغان ئىدى.

خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ كۆمۈر توشۇيدىغان ئاپتوموبىلى يانجىپ ئۆلتۈرگەن موڭغۇل چارۋىچى مېرگېن بۇ ئەنئەنىۋى موڭغۇل يايلىقىدىكى چارۋىچىلارنى، خىتايلارنىڭ موڭغۇل يايلاقلىرىنى ۋەيران قىلىپ، موڭغۇل خەلقنىڭ ھاياتلىق يولىنى يوق قىلماقچى بولغان ھەرىكەتلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرۈشكە چاقىرغان ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى موڭغۇللارنىڭ نامايىشلىرىنى باستۇرۇش ئۈچۈن قوراللىق قىسىم ئەۋەتىپ موڭغۇللارغا قورال تەڭلەشكە، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ رايوننىڭ ئىنتېرنېت ئالاقىسىنى تەقىب ئاستىغا ئېلىشقا باشلىغان ۋەزىيەت ھازىرمۇ داۋاملاشماقتا.