دۇنيادىكى 68 يەرلىك ۋە خەلقئارا تەشكىلات بايانات ئېلان قىلىپ، كامبوداژانىڭ 20 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىنى ئەيىبلىدى

دۇنيادىكى 68 يەرلىك ۋە خەلقئارا تەشكىلات تۈنۈگۈن بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، كامبودژا دائىرىلىرىنىڭ "5 ‏- ئىيۇل ۋەقەسى"دىن قېچىپ كامبودژادىكى ب د ت مۇساپىرلار ئىشخانىسىدىن پاناھلىق تىلىگەن 20 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىنى شۇنداقلا تايلاند دائىرىلىرىنىڭ ھىموڭ مىللىتىدىن بولغان مۇساپىرلارنى لائۇسقا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىنى تەنقىدلىگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2010-01-15
Share

باياناتتا خىتاي، كامبوداژا، تايلاند ۋە لائۇسنى ئاگاھلاندۇرۇپ، مۇساپىرلارنى ئۇلارنىڭ ھاياتى تەھدىتكە ئۇچرايدىغان ۋە تەن جازاسىغا ئۇچرايدىغان دۆلەتلەرگە مەجبۇرىي قايتۇرۇشنىڭ مۇناسىۋەتلىك خەلقئارا قانۇنلاردا چەكلەنگەنلىكىنى تەكىتلەنگەن.

كامبودژا ۋە خىتاي دائىرىلىرىگە چاقىرىق قىلىپ، كامبودژا ھۆكۈمىتىنىڭ "ئۇيغۇر پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنىڭ پاناھلىق تىلەش ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىش، پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنىڭ سالاھىيىتى بېكىتىلمەي تۇرۇپ ئۇلارنى قايتۇرۇۋەتمەسلىك شۇنداقلا ب د ت نىڭ مۇساپىرلار مەسىلىسىگە ئائىت 1951‏ - يىلى، 67 - يىلى، 1984 - يىلى ماقۇللانغان ئەھدىنامىلىرىدىكى بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىشى"نى تەلەپ قىلغان.
 
بايابات، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلار بىلەن كۆرۈشۈشىگە يول قويۇشنى، مۇساپىرلارنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، خىتاينى باشقا دۆلەتلەرگە بېسىم ئىشلىتىشنى توختىتىشقا چاقىرغان.

مەزكۇر باياناتقا ئاۋستىرالىيە، ھىندونېزىيە، بېنگال، خوڭكوڭ، ياپونىيە، مالايشىيا، مىسىر، جەنۇبىي ئافرىقا قاتارلىق 23 دۆلەت ۋە رايوندىكى 68 يەرلىك ۋە خەلقئارا تەشكىلات ئىمزا قويغان ئىدى.

 
پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.