باياناتتا خىتاي، كامبوداژا، تايلاند ۋە لائۇسنى ئاگاھلاندۇرۇپ، مۇساپىرلارنى ئۇلارنىڭ ھاياتى تەھدىتكە ئۇچرايدىغان ۋە تەن جازاسىغا ئۇچرايدىغان دۆلەتلەرگە مەجبۇرىي قايتۇرۇشنىڭ مۇناسىۋەتلىك خەلقئارا قانۇنلاردا چەكلەنگەنلىكىنى تەكىتلەنگەن.
كامبودژا ۋە خىتاي دائىرىلىرىگە چاقىرىق قىلىپ، كامبودژا ھۆكۈمىتىنىڭ "ئۇيغۇر پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنىڭ پاناھلىق تىلەش ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىش، پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنىڭ سالاھىيىتى بېكىتىلمەي تۇرۇپ ئۇلارنى قايتۇرۇۋەتمەسلىك شۇنداقلا ب د ت نىڭ مۇساپىرلار مەسىلىسىگە ئائىت 1951 - يىلى، 67 - يىلى، 1984 - يىلى ماقۇللانغان ئەھدىنامىلىرىدىكى بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىشى"نى تەلەپ قىلغان.
بايابات، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلار بىلەن كۆرۈشۈشىگە يول قويۇشنى، مۇساپىرلارنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، خىتاينى باشقا دۆلەتلەرگە بېسىم ئىشلىتىشنى توختىتىشقا چاقىرغان.
مەزكۇر باياناتقا ئاۋستىرالىيە، ھىندونېزىيە، بېنگال، خوڭكوڭ، ياپونىيە، مالايشىيا، مىسىر، جەنۇبىي ئافرىقا قاتارلىق 23 دۆلەت ۋە رايوندىكى 68 يەرلىك ۋە خەلقئارا تەشكىلات ئىمزا قويغان ئىدى.