كانادا باش مىنىستىرى خارپېر خىتاينى زىيارەت قىلماقچى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، كانادا باش مىنىستىرى ستىپان خارپېرنىڭ 2 ‏ - دېكابىردىن 6 ‏- دېكابىرغا قەدەر خىتاينى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

كانادا باش مىنىستىرى خارپېر 10 - ئاينىڭ 28 ‏- كۈنى ئېلان قىلغان ئۆزىنىڭ خىتاي زىيارىتى ھەققىدىكى باياناتىدا، كانادانىڭ "خىتاي بىلەن كۆپ تەرەپلىمىلىك ئۆز ‏ - ئارا ھۆرمەت ۋە ئەمەلى ھەمكارلىق ئىھتىياجىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان كۈچلۈك مۇناسىۋەت قۇرۇشقا تەييارلىقى"نى بىلدۈرگەن ئىدى.

كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لاۋرېنېس كەننون ئالدىنقى كۈنى كانادادىكى خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ستىپان خارپېرنىڭ خىتاي زىيارىتىنىڭ كۈنتەرتىپىدىكى مەسىلىلەر توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن. كەننون، ئىقتىسادى مەسىلە خارپېر بىلەن خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ئارىسىدىكى سۆھبەتنىڭ مەركىزى تېمىسى ھېسابلانسىمۇ، لېكىن ئىككى تەرەپنىڭ ئۆز‏ - ئارا كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى، سۆھبەت كۈنتەرتىپىدىكى مەسىلىلەر ئىچىدە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن ئىككى تەرەپ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنىڭ كونكرېت تەپسىلاتىنى ئاشكارىلىمىغان.

كانادا - خىتاي مۇناسىۋىتىدە كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسى ھاكىمىيەت سورىغان يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بېرى نۇرغۇن ئىختىلاپلار كېلىپ چىققان ئىدى. بۇ ئىختىلاپلار خىتاينىڭ ئۇيغۇر كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىلنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىپ، ئۇنىڭ كانادا پۇقرالىقىنى رەت قىلىشى، كانادا دىپلوماتلىرىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشىنى رەت قىلىشى قاتارلىق مەسىلىلەردە ئەكس ئەتكەن.

ئۇنىڭدىن سىرت، خىتاي ئۇيغۇر كانادا پۇقرالىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىلىدە قالغان ئائىلە تاۋاباتىنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىپ، ئۇلارنىڭ جەم بولۇشىنى توساش بىلەن ئەيىبلەنگەن ئىدى. لېكىن كانادا كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلارنىڭ ئىچىدە بۇ مەسىلىلەرنىڭ بار - يوقلۇقى مەلۇم ئەمەس.