خىتايدا ئىككى كېمە سوقۇلۇپ 11 ئادەم ئۆلگەن

خىتاينىڭ خۇنەن ئۆلكىسىدىكى يۇەنجاڭ دەرياسىدا ئىككى كېمە سوقۇلۇپ كېتىپ 11 ئادەم ئۆلگەن. مەزكۇر ۋەقە خوڭكوڭدا يۈز بەرگەن كېمە سوقۇلۇش ۋەقەسى دە 40 قا يېقىن ئادەم ئۆلۈپ 5 كۈن ئىچىدە يۈز بەردى.


ۋەقە شۇ جاي ۋاقتى 5 - ئۆكتەبىر كەچقۇرۇن سائەت 4 تە يۈز بەرگەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ يەرلىك ئەمەلدارلاردىن نەقىل ئېلىپ خەۋەر قىلىشىچە سوقۇلۇشتا سۇغا چۈشۈپ كەتكەن 22 ئادەمنىڭ 10نەپىرى قۇتقۇزۇلغان، 1 نەپىرىنىڭ ئىز - دېرىكى بولمىغان.

1 - ئۆكتەبىر خوڭكوڭدا يۈز بەرگەن كېمە سوقۇلۇش ۋەقەسىدە 38 ئادەم ئۆلگەن ئىدى.