خىتاي ھازىر كەشمەر مەسىلىسىدە جەنۇبىي ئاسىيا تېنچلىقىغا توسالغۇ پەيدا قىلماقتا

رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ ھىندىستاننىڭ سىرىناگار شىتاتىدىن بايان قىلىشىچە، خىتاينى زىيارەت قىلىشنى پىلانلاۋاتقان كەشمىر دىندارى، خىتاينىڭ ئىتتىپاقدېشى مېرۋەز ئومار فارۇق تۈنۈگۈن ' ئاقسايچىننى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن كەشمىر بىۋاستە خىتايغا قارايدۇ ' دەپ جاكارلىغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، 1989‏ - يىلىدىكى يېڭى دېھلى سۆھبىتى بۇزۇلغاندىن كېيىن، 11 مىليون نوپۇسى بار كەشمىرنىڭ 45%ى ھىندىستاننىڭ، 35%ى پاكىستاننىڭ، قالغان قىسمى خىتاينىڭ كونتروللىقىدا بولۇپ، پۈتۈن كەشمىر رايونى ھىندىستان، خىتاي ۋە پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى تالاش - تارتىشتىكى رايون ھالىتىدە تۇرماقتا.

شۇنىڭدىن كېيىن، ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيلىك ئاساسەن كەشمىر مەسىلىسىدىن چىقىۋاتىدۇ. ھىندىستان ھازىرغا قەدەر پاكىستاننى 'مۇمبايدا 166 نەپەر بىگۇناھ ئادەم ئۆلتۈرۈلگەن تېررورلۇق ۋەقەسىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى' دەپ ئەيىبلەپ كېلىۋاتىدۇ.

خەۋەردە بايان قىلىنىشچە، خىتاي ئەمدى كەشمىر مەسىلىسىدە جەنۇبىي ئاسيا تىنجلىقىغا توسالغۇ پەيدا قىلماقتا. ئەمما يېڭى دېھلى دائىرىلىرى بۈگۈن ' پاكىستان بىلەن مۇناسىۋىتىمىزنى ياخشىلاش ئۈچۈن، بىزگە ھېچكىمنىڭ سىرىتتىن ياردەم بېرىشى كېرەك ئەمەس' دەپ جاكارلىدى.