خىتاي كوپېنھاگېن دۇنيا كلىمات يىغىنىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقىنى رەت قىلدى

خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتاي كوپېنھاگېن دۇنيا كلىماتى يىغىنىنىڭ نەتىجىسىز ئاخىرلىشىشىغا جاۋابكار بولۇشى كېرەكلىكى ھەققىدىكى تەنقىدلەرنى رەت قىلىپ، جاۋابكارلىقنى تەرەققى قىلغان دۆلەتلەرگە ئارتتى.

ئەنگلىيە "مۇھاپىزەتچىلەر" گېزىتى يېقىندا ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاينى كوپېنھاگېن دۇنيا كلىمات يىغىنىنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىش بىلەن تەنقىدلىگەن. خىتاينىڭ بۇ قېتىمقى يىغىندا ھەر قايسى ئەللەرنىڭ يەر شارى ھاۋا كلىمات ئۆزگىرىشىنى تىزگىنلەيدىغان كونكرېت كېلىشىم ھاسىل قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.

لېكىن، خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى جياڭ يۈي، تەرەققى قىلغان دۆلەتلەرنى ئەيىبلەپ، تەرەققى قىلغان دۆلەتلەرنىڭ كوپېنھاگېن يىغىنىدىكى ئىپادىسى ياخشى بولمىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئۆز ۋەدىسىدە تۇرمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ تۈنۈگۈنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا تەرەققى قىلغان دۆلەتلەرنىڭ تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى تەنقىدلەش سالاھىيىتى يوقلىقىنى تەكىتلىگەن جياڭ يۈي، " ئۇلار ئۆزىنىڭ قىلمىشى ئۈستىدە ئويلىنىشى كېرەك" دېگەن.

"مۇھاپىزەتچىلەر" گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگلىيە كلىمات مەسىلىلىرى مىنىستىرى ئېد مىلىباند خىتاينى كوپېنھاگېندىكى يىغىندا تەرەپلەرنىڭ ھاۋا كلىمات ئۆزگىرىشىنى تىزگىنلەشكە دائىر ئىككى تۈرلۈك كونكرېت كېلىشىم ھاسىل قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ، خىتاي ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرىنى يىغىننى "گۆرۈگە ئېلىۋېلىش" بىلەن تەنقىدلىگەن ئىدى.

جياڭ يۈي مىلىباندنىڭ ئىسمىنى ئاشكارە تىلغا ئالمىغان، لېكىن خىتايغا قارىتىلغان تەنقىدنى بەزى رەھبەرلەرنىڭ ئۆز مەسئۇلىيىتىدىن قېچىش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويغان "سىياسى نەيرىڭى" دەپ تەكىتلىگەن. خىتاي دۇنيادىكى كاربون 4 - ئوكسىدنى ھاۋاغا ئەڭ كۆپ قويۇپ بېرىدىغان دۆلەت بولسىمۇ، لېكىن تەرەققى قىلغان دۆلەتلەرنىڭ كۆپرەك مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشىنى تەلەپ قىلماقتا.