فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەركىزى خوڭكوڭدىكى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى تەشكىلاتى يېقىندىن بۇيان خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىدىن 26 سىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى، 30 دىن ئارتۇقىنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن «يوقىتىۋېتىلگەنلىكى» نى بىلدۈرگەن.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى نىكولاس بېكۇلىن بولسا خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئىنتايىن خەتەرلىكلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن يارىتىلىۋاتقان ياخشى مۇھىتنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا تارمار قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ۋە «2008-يىللىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش مەزگىلىدە كىشىلىك ھوقۇقىنى ياخشىلاش توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن خىتاي، مۇسابىقىدىن كېيىن ئەكسىچە تۈزۈمىنى تېخىمۇ چىڭىتتى» دېگەن.
بۇ تەشكىلاتلار ئۆز بايانلىرىدا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتېرنېتقا بولغان تەقىبلەشنى ئاشۇرغانلىقىنى تەكىتلەپ: خىتاي ھۆكۈمىتى پەقەت پائالىيەتچىلەرنىلا ئەمەس، بەلكى ئىنتېرنېت ئالدىدىكى بارلىق يېڭى بىر ئەۋلاد كىشىلەرنى جىمىقتۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا، دېگەن.
يېقىندا خىتايدا رەن يۈنفېي، دىڭ ماۋ ۋە چېن ۋېي قاتارلىق ئۈچ پائالىيەتچىگە «ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنۇش» جىنايىتى بىلەن ھۆكۈم ئېلان قىلىنغان بولۇپ، نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئۆكتىچى يازغۇچى ليۇ شاۋبومۇ ئوخشاش جىنايەت بىلەن جازاغا تارتىلغان ئىدى.