بۇ سۆزلەرنى ئامېرىكا ياردەمچى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كۇرت كەمبىل پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈش يىغىنىدا تەكىتلىگەن بولۇپ، ئۇ «كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى خۇ جىنتاۋنىڭ بۇ يىل 1-ئايدا ئېلىپ بارغان ئامېرىكا زىيارىتىدە ئاشكارا ۋە خۇسۇسى سۆھبەتلەر كۈچلۈك رەۋىشتە ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.
كەمبىلنىڭ يۇقىرىقى سۆزى خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى دۆلەتلەردە پارتلىغان خەلق نامايىشلىرىدىن كېيىن، ئۆكتىچى كۈچلەرگە زەربە بېرىپ، مەتبۇئات كونتروللۇقىنى كۈچەيتىشى پەيدا قىلغان ئەنسىزلىككە قارىتا ئېيتىلغان، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «يېقىندىن بېرى خىتايدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر، جۈملىدىن كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنىڭ ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كېتىشى، ئۆكتىچى ۋە ژۇرنالىستلارنى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى بىزنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى ئەندىشىمىزنى ئىلگىرىلەپ كۈچەيتتى.»
كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئوتتۇرا شەرقتە پارتلىغان خەلق نامايىشلىرىدىن بۇيان خىتاي ئۆكتىچى ۋە ئادۋوكاتلىرىدىن ئاز دېگەندە 26 ئادەم قولغا ئېلىنغان، 30 دىن ئارتۇق ئادەم ھېچقانداق گۇناھ ئارتىلمايلا ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن.
بۇنىڭ بىلەن ئوباما ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپ، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە بەك يۇمشاق مۇئامىلە قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن ئىدى. كۇرت كەمبىلنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ كېلەر نۆۋەتلىك ئىقتىسادى ۋە ئىستراتېگىيىلىك سۆھبىتى بۇ يىل 5-ئايدا ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلىدىكەن.
ئامېرىكا تەرەپكە دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى ھىللارىي كلىنتون ۋە مالىيە مىنىستىرى تىمۇتى گەيتنېر يېتەكچىلىك قىلىدىغان مەزكۇر يىغىن، ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدىكى ئاچقۇچلۇق سۆھبەت مۇنبەرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.