خىتاي ئامېرىكىنىڭ 2008 ‏ - يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىغا نارازىلىق بىلدۈردى

خىتاي ھۆكۈمىتى پەيشەنبە كۈنى، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان، "2008 ‏ - يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى" غا قارىتا نارازىلىق بىلدۈردى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى 25 ‏ - فېۋرال كۈنى، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنىڭ يەنىلا ناچار بىر ۋەزىيەتتە ئىكەنلىكىنى، بولۇپمۇ خىتاينىڭ تىبەت ۋە ئۇيغۇر قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتا مەدەنىيەت ۋە دىنىي باستۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، ئۆكتىچى كۈچلەرنى تۇتقۇن قىلىشنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەنقىد قىلغان ئىدى.

دوكلاتتا يەنە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ پۇقرالارنىڭ خۇسۇسىي مۈلۈك ھوقۇقىغا چەك قويۇش، پىكىر قىلىش، يىغىلىش قاتارلىق ئەقەللى كىشىلىك ھوقۇق ئەركىنلىكىنى كونترول قىلىش قىلمىشلىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ ھەقتە خىتاينىڭ ئورگان مەتبۇئاتى شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئوبزور ئېلان قىلىپ، " ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى باھانە قىلىپ، جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن دۆلەتلەرنى پاكىتسىز ئاساسلار بىلەن ئەيىبلىشى، قوپاللىق بىلەن باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى سىياسىتىگە ئارىلاشقانلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ" دېگەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدا رۇسىيە، پاكىستان، كورىيە، كۇبا، ئىران، سومالى، لىۋان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنىڭ ناچار ئىكەنلىكى تىلغا ئىلىنغان.

بۇ ئارىدا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر دوكلاتقا ئاساسەن خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى تاشقى دىپلوماتىيە سىياسىتىگە تەدبىقلاپ، خىتاي بىلەن ئېلىپ بارىدىغان دىئالوگلىرى داۋامىدا، قوبۇل قىلىش ئىنتايىن قىيىن بولغان خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ئۆزگىرىش ياساشنى تەشەببۇس قىلدى.