ئانگېلا مېركېل: 'پىكىر ئەركىنلىكى تەھدىت ئەمەس، بەلكى بىر پۇرسەت '

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل خانىم دۈشەنبە كۈنى، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خىتاي دائىرىلىرىگە بېسىم ئىشلىتىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2009.10.12

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي بۇ يىللىق گېرمانىيىنىڭ فرانكفورت شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان خەلقئارا كىتاب يەرمەنكىسىگە ئالاھىدە مېھمان سۈپىتىدە تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، مېركېل خانىم مەزكۇر يەرمەنكىگە قاتنىشىدىغان خىتاي مۇئاۋىن پرېزىدېنتى شى جىنپىڭنى سەيشەنبە كۈنى قوبۇل قىلىدىكەن.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، بۇ ھەقتە توختالغان گېرمانىيە باش مىنىستىرى مېركېل خانىم: " سۆھبەت جەريانىدا مەن خىتاي ۋەكىللىرىگە پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ تەھدىت ئەمەس، بەلكى بىر پۇرسەت ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلدۈرىمەن" دېگەن.

مېركېل خانىمنىڭ باياناتچىسى ئۆتكەن ھەپتە، بۇ نۆۋەتلىك ئۇچرىشىشتا يەنە، گېرمانىيە ‏ - خىتاي مۇناسىۋەتلىرى، خەلقئارا مەسىلىلەر ۋە دۇنيا كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق تېمىلاردا سۆھبەت ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

ئانگېلا مېركېل خانىم خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بولۇپ كېلىۋاتقان دۆلەت رەھبەرلىرىدىن بىرى. ئۇ 2007 - يىلى خىتايلارنىڭ نارازىلىقىغا قارىماي، تىبەتلەرنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لامانى قوبۇل قىلغان ئىدى.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.