ئامېرىكا قانۇن ئورگانلىرى قانۇنسىز خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ سىياسىي پاناھلىق ئىشىغا ساختا دەلىل ئويدۇرۇپ ياردەم قىلغان بىر تۈركۈم كىشىلەرنى ئەيىبلىدى

نيۇ-يورك شەھىرىدە 3 ئادۋوكاتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 26 كىشى ساختا دەلىل ئويدۇرۇپ، قانۇنسىز خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ سىياسىي پاناھلىق ئىشلىرىغا ياردەم قىلىش، بۇ ئارقىلىق ئامېرىكا كۆچمەنلەر ئىدارىسىنى ئالداش بىلەن ئەيىبلەنگەن.

ئامېرىكا قانۇن ئورگانلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، نيۇيوركنىڭ فلاشىڭ، كيۇنىس، مانخاتون قاتارلىق 3 رايونىدىكى خىتاي بازىرىدىكى ئون نەچچە ئادۋوكاتلىق ئورنى، سىياسىي پاناھلىق سورىغان خىتايلارغا ھەر خىل پاجىئەلىك ۋەقەلەرنى توقۇپ بېرىپ، كۆچمەنلەر ئىدارىسىنى ئالدىغان.

ئۇلار، سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلەرگە ئۇلارنىڭ قانداق سىياسىي، دىنىي زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقى ھەققىدە ھېكايە توقۇپ بەرگەن.

ئۇلارغا ھامىلە چۈشۈرۈشكە مەجبۇرلانغانلىقى، دىنىي ئېتىقادى سەۋەبلىك تەن جازالىرىغا ئۇچرىغانلىقى ھەققىدە قانداق يالغان سۆزلەشنى ئۆگەتكەن. نيۇ-يوركنىڭ فالشىڭ رايونىدىكى بىر چېركاۋنىڭ لىن لىيىڭ ئىسىملىك 29 ياشلىق ئايال خىزمەتچىسى، دىنىي زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقنى باھانە قىلىپ، سىياسىي پاناھلىق تىلەيدىغان خىتايلارغا مەخسۇس خرىستىئان دىنىي ھەققىدە تەلىم بېرىشكە، سوتچى خرىستىئان دىنىي ھەققىدە سوراپ قالسا، قانداق جاۋاب بېرىشنى ئۆگىتىشكە مەسئۇل ئىكەن. قانۇن ئورگانلىرى 3 يىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق مەزكۇر ئالدامچىلىقنى پاش قىلغان.

ئامېرىكىغا كېلىپ سىياسىي پاناھلىق تىلەيدىغان چەتئەللىكلەر ئىچىدە خىتايلار ئەڭ كۆپ نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ. ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2011‏-يىلى 8600 خىتاينىڭ سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسى قوبۇل قىلىنغان. بۇ شۇ يىلى سىياسىي پاناھلىق تەلەپ قىلىپ قوبۇل قىلىنغان چەتئەللىكلەرنىڭ 34 % نى ئىگىلەيدىكەن.