خىتاي، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە تەھدىد ئېلىپ كەلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى

خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىدا يەرلىك مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىغا ئالاقىدار پىكىرلەرنى ئىنكار قىلدى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىڭ بۇ خىلدىكى رايونلارغا قاراتقان باشقۇرۇش سىياسىتىدە ئۆزگىرىش بولمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىشىچە، خىتاي مىللىي ئىشلار كومىتېتى رەئىسى ياڭ جىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتلەردىكى " ئاپتونومىيە" سىياسىتىنى قايتا ئويلاشمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: " شىنجاڭ ۋە خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدىكى مىللىي رايونلاردا، ھۆكۈمەتنىڭ ئومۇمىي مىللىي سىياسىتىدە ئۆزگىرىش بولمايدۇ."

ھالبۇكى ياڭ يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ رايونلارغا قاراتقان سىياسەتلىرىدە زۆرۈر تېپىلغان جايلىرىدا "تەڭشەش" ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى قوشۇمچە قىلغان.

خىتاي مىللىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋۇ شىمىن، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتلەردە يۈز بەرگەن نامايىشلارنىڭ مەيدان كېلىشىگە خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ مەزكۇر رايونىغا كۆپلەپ ئېقىپ كېلىشى سەۋەب بولغان دېگەن پىكىرلەرنى رەت قىلغان ۋە: " تىبەت ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىدا خىتاي كۆچمەنلىرى سەۋەبىدىن ھېچقانداق مەسىلە كەپ چىققىنى يوق" دېگەن.

خىتاي ھۆكۈمەت تارقاتقان نوپۇس تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 1950 - يىللاردا ئۇيغۇر ئېلىدە خىتايلارنىڭ نوپۇسى ئۇيغۇر ئېلى ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 5 - پىرسەنتنى ئىگىلەيدىغان بولسا، 2000 - يىللارغا كەلگەندە 40 پىرسەنتتىن ئاشقان.

مۇتەخەسسىسلەر نەتىجىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز يۇرتىدا ئاز سانلىققا ئايلانغانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئىقتىسادىي ۋە باشقا تەرەققىياتلارنىڭ سىرتىدا قالدۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.