خىتاي، تۈركىيىدىكى بىر قىسىم كوممۇنىستلارغا مايىل مۇخبىرلارنى ئۇيغۇر رايونىنى زىيارەت قىلدۇردى

خىتاي دائىرىلىرى تۈركىيىدىكى بىر قىسىم مۇخبىرلارنى ئۇيغۇر رايونىغا تەكلىپ قىلىپ، ئۇلارنى ئۈرۈمچى ۋە تۇرپاندا زىيارەتكە ئورۇنلاشتۇرغان. مەزكۇر زىيارەت، خىتاي دائىرىلىرى بىرىنچى ئۆكتەبىردىن ئېتىبارەن تۈركىيىدە ئۆتكۈزىدىغان "خىتاي مەدەنىيەت ھەپتىلىكى" ھارپىسىغا توغرا كەلدى.

ئەمما، تۈركىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا مەزكۇر "تۈركىيىلىك مۇخبىرلار ئۆمىكى" نىڭ ئۇيغۇر رايونىغا زىيارەتكە بارغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق خەۋەر ئېلان قىلىنمىغان. ئىگىلىنىشىچە، ئۇيغۇر رايونىغا زىيارەتكە بارغان دوغان تىلىچ، ئېلى ئاتاي قاتارلىق مۇخبىرلار تۈركىيىدىكى كوممۇنىزم ئىدىيىسىنى قوللايدىغان ناھايىتى ئاز سانلىق مەتبۇئاتلارنىڭ مۇخبىرلىرى ئىكەن. بۇنىڭدىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ كوممۇنىزمنى قوللايدىغان، خىتايپەرەس مۇخبىرلار ئارقىلىق تۈركىيىدە ئۆز تەشۋىقاتىنى قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

تەڭرىتاغ خەۋەرلەر تورىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، تۈركىيىدىن كەلگەن بۇ مۇخبىرلارنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خو خەنمىن كۈتۈۋېلىپ، ئۇيغۇر رايونىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن. تۈركىيىدىن كەلگەن مۇخبىرلارنىڭ ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئەھۋالىدىن ئىنتايىن مەمنۇن بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

"5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" يۈز بەرگەندىن كېيىن، تۈرك ھۆكۈمىتى ۋە تۈرك خەلقى خىتاي ھاكىمىيىتىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن. ۋەقە ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بىر مەھەل سوۋۇپ قېلىشىغا سەۋەب بولغان ئىدى. شۇندىن بېرى خىتاي دائىرىلىرى تۈركىيىگە قاراتقان تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى تۈرلۈك ۋاسىتىلەر ئارقىلىق كۈچەيتىشكە ئۇرۇنماقتا.