خىتاي سىياسىي پەرمانلىرىنى بىۋاستە تارقىتىدىغان يېڭى يانفون تورى قۇردى

خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى 2009 - يىلى 9‏ - ئايدىن باشلاپ 3G يانفون ئۇچۇر تورى دېگەن يېڭى تېلېفون سېستىمىسىنى يولغا قويغان ئىدى. خوڭكوڭدا چىقىدىغان 'مىڭپاۋ گېزىتى'نىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى يېڭى قۇرغان يانفون ئۇچۇر تورى ھازىرقى ئىلغار تىپلىق 3G يانفون قوللىنىدىكەن.

خىتاي كوممۇنىست پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ تەشكىلات مىنىستىرلىقى بىۋاستە باشقۇرىدىغان بۇ يانفون ئۇچۇر سېستىمىسىغا، كوممۇنىست پارتىيىنىڭ خىتايدىكى ئۆلكە پارتكومىدىن مەھەللە ياچېكىلىرىغىچە بولغان بىر مىليون سېكرىتار ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار جەمئىيىتى باشلىقلىرىنىڭ ئىسمى ۋە تەپسىلىي ئۇچۇرلىرى كىرگۈزۈلگەن. بۇ سېستىما ئۇلاردىن قولىدىكى يانفوننى ھەر ۋاقىت توختىتىپ قويماسلىقىنى شەرت قىلىپ بەلگىلىگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ئۆزىنىڭ سىياسەت ۋە بەلگىلىمىلىرىنى ئاساسى قاتلام تەشكىلاتلىرىغا بىۋاستە ئاڭلىتىپ تۇرۇش، ئۇلار بىلەن بولغان ئالاقىنى ھەر ۋاقىت ئۈزۈپ قويماسلىق، تېخىمۇ مۇھىمى كوممۇنىست پارتىيە ئىچىدە بۆلۈنۈش يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلغان بۇ تەدبىرنىڭ نەتىجىسىدە، ھەر قايسى جايلار ھۆكۈمەت مالىيىسىدىن پۇل سەرپ قىلىپ، ئەمەلدارلارغا ۋە پارتىيە ئەزالىرىغا قىممەت باھالىق ئىلغار يانفون سېتىۋېلىپ تەقسىملەپ بېرىشكە باشلىغان.

خەلق ھازىر خىتايغا يېڭىدىن ئىمپورت قىلىنغان بۇنداق ئىلغار تىپتلىق يانفونلارنى 'كوممۇنست يانفونى' دەپ ئاتايدۇ.

خىتاينىڭ بۇ يانفون ئۇچۇر سېستىمىسىنىڭ ۋە مەخسۇس ئۇنىڭدا قوللىنىلىدىغان يانفونلارنىڭ ئىجادىيەت ھوقۇقى كىمگە مەنسۇپ ئىكەنلىكى نامەلۇم. ئەمما خىتاي باشلىقلىرى 1980‏ - يىللاردىن باشلاپلا، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئالدىنقى سەپتىكى ھەر قانداق بىر ئەسكىرى ياكى ۋەزىپە بىجىرىۋاتقان خادىمى بىلەن يانفوندا رەسىمىنى كۆرۈپ تۇرۇپ سۆزلىشىپ، بىۋاستە ئەھۋال ئىگىلەپ ياكى بۇيرۇق بېرىدىغانلىقىنى دوراشقا ھەۋەس قىلىپ كېلىۋاتاتتى.