كوممۇنىست پارتىيە مەركىزى كومىتېتى ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزى كومىتېتىغا يېڭى بەلگىلىمە چىقاردى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2010.02.17
2010.02.17
بۇ بەلگىلىمىدە، جايلاردىكى ياشلار ئىتتىپاقى ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى خىزمەت تەكشۈرگىلى كەلگەن كوممۇنىست پارتىيە ئەمەلدارلىرىنى كۈتىۋېلىش ۋە ئۇزۇتۇشنى ئاددىيلاشتۇرۇشى، لوزۇنكا ئاسماسلىقى، ھەمراھ بولۇۋالماسلىقى، چۈشلۈك غىزادا ھاراق قۇيماسلىقى، چاغاندا يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەرنى ھېيتلىماسلىقى كېرەك دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزى كومىتېتى ئىدارىسىدە ئاساسىي قاتلام ئىتتىپاق كادىرلىرىنى ھەر ئايدا 2 كۈن يىغىپ تەربىيىلەش ئىشىغا مەسئۇل بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئەن جۈنشېڭنىڭ ئېيتىشىچە، كوممۇنىست پارتىيە رەھبەرلىرى چىرىكلىشىپ ئاللىقاچان ھايۋانغا ئوخشاش بولۇپ قالغان، ئۇلارغا نازارەت يوق، خۇ جىنتاۋ تەختكە چىققاندىن كېيىن، پۈتۈن خىتايدىكى ياشلار ئىتتىپاقى دەپ ئاتالغان 3 مىليون تەشكىلات ئۇلارغا يالاقچىلىق قىلىپ رەسۋالىشىپ بولدى. ئەمدى كوممۇنىست پارتىيە رەھبەرلىرى چىرىكلىكنى ياشلاردىن قىزغىنىپ بەلگىلىمە چىقارغان.