5 ‏- ئىيۇل نامايىشچىلىرىنى باستۇرۇشتا ئۆلگەن خىتاي كوماندىر، خىتاينى تەسىرلەندۈرگەن 10 چوڭ شەخس نامزاتى بولغان

خىتايدا 7 يىلدىن بېرى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان خىتاينى تەسىرلەندۈرگەن 10 چوڭ شەخس ناملىق باھالاشتا، 5 ‏- ئىيۇل ۋەقەسىدە ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن خىتاي كوماندىر ۋەن جىڭگاڭ نامزاتلىققا كىرگەن.

باھالاش كومىتېتىنىڭ بۈگۈن ئاشكارىلىشىچە، خىتاي بويىچە جەمئىي 30 كىشى نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە 3 كىشى ئۇيغۇر رايونىدىن كۆرسىتىلگەن.

ئۇيغۇر رايونىدىن كۆرسىتىلگەنلەر ئارىسىدا، 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدە نامايىشنى باستۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن خىتاي قوراللىق قىسىم كوماندىرلىرىدىن ۋەن جىڭگاڭ ئورۇن ئالغان. ۋەن جىڭگاڭ شۇ كۇنى نامايىشنى باستۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىۋاتقان چاغدا، نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن.

ۋەن جىڭگاڭنىڭ ئۆلۈمى خىتاي دائىرىلىرى ۋە ئەسكەرلىرىنى قاتتىق قايغۇغا سالغان بولۇپ، ئۇنىڭ جەسىتى داغدۇغىلىق دەپنە مۇراسىمى بىلەن ئۇزىتىلغان ۋە ئۇنىڭغا ئىنقىلاۋىي قۇربان دەپ نام بېرىلگەن ئىدى.

خىتاي مەتبۇئاتى باشتىن تارتىپ، ۋەن جىڭگاڭنىڭ 5 - ئىيۇلدا ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ قايسى مەيداندا، قانداق شەكىلدە ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەرگىنى يوق. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ۋەن جىڭگاڭنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش جەريانى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇماتقا ئىگە بولالمىغانلىقىنى ياكى خىتاي قوراللىق قىسىملىرىنىڭ ھەيۋىسىنى ساقلاش ئۈچۈن، ۋەقەنىڭ تەپسىلىي جەريانى يوشۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى پەرەز قىلماقتا.