شىنخۇاىڭ بۇ ھەقتىكى سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئاز سانلىق مىللەت پارتىيە ئەزالىرىنىڭ سانى 521200گە يېتىپ، پۈتۈن پارتىيە ئەزالىرى سانىنىڭ 38.16%نى ئىگىلىگەن ھەمدە 2006 - يىلىدىكىگە قارىغاندا، 64300 ئادەم كۆپەيگەن، كۆپىيىش نىسبىتى 14.07 % بولغان.
خىتاي پارتىيە دائىرىلىرىنىڭ بۇ سانلىق مەلۇماتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، نوپۇس بويىچە ھېسابلىغاندا، ئۇيغۇر قاتارلىق خىتاي ئەمەس مىللەتلەرنىڭ نوپۇسى خىتاي نوپۇسىدىن ئارتۇق بولۇشىغا قارىماي، يەنىلا كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاساسىي نىسبىتىنى خىتايلار ئىگىلىگەن.
تارىخىي ئۇچۇرلارغا تايانغاندا، خىتاي كومپارتىيىسى 1949 - يىلى، 10 - ئايدا ئۇيغۇر ئېلىنى ئىگىلىگىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا خىتاي كومپارتىيىسىگە ئەزا بولغانلار يوق ئىدى. 1949 - يىلى، 10 - ئايدا سەيپىدىن ئەزىز ئۇيغۇرلار ئىچىدە تۇنجى بولۇپ، خىتاي كومپارتىيىسىگە ئىلتىماس يازغان ھەمدە دەسلەپكى قەدەمدە سەيپىدىن باشلىق 10 نەچچە نەپەر ئۇيغۇر قاتارلىق خىتاي ئەمەس مىللەتتىن كېلىپ چىققان رەھبىرى شەخس خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئەزالىقىغا قوبۇل قىلىنغان ئىدى.ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن مەخسۇس ئۇيغۇر پارتىيە ئەزالىرىنى كۆپەيتىشكە كىرىشىلگەن بولۇپ، كومپارتىيە ئەزالىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىنى كونترول قىلىپ، بۇ جايغا قاراتقان تۈرلۈك باشقۇرۇش ۋە ئۆزگەرتىش تەدبىرلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مۇھىم تايانچ كۈچكە ئايلاندۇرۇلغان ئىدى.
كۆزەتكۈچىلەر ھازىر خىتايدىكى ئەمەلدارلار ئارىسىدا چىرىكلىك، پارىخورلۇقنىڭ ئەۋجى ئېلىۋاتقانلىقى، پۇقرالارنىڭ كومپارتىيە ئەمەلدارلىرىغا ئىشەنمەيدىغان ۋەزىيەت شەكىللىنىپ، خىتاينىڭ ئىچكىرى شەھەرلىرىدە دائىم دېگۈدەك كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشلىرى بولۇپ تۇرىۋاتقانلىقى، بېيجىڭ رەھبەرلىرىنىڭ كومپارتىيىنىڭ ئىستىلىنى ياخشىلاش شۇئارى بىلەن بىرگە خىتاي مىللەتچىلىكىنى بەكرەك تەشۋىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا