كوسوۋادا پۇل ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللانغان ئىككى خىتاي قولغا ئېلىندى

كوسوۋا ساقچى دائىرىلىرى بۈگۈن، پۇل ئەتكەسچىلىك جىنايىتى بىلەن شۇغۇللانغان ئىككى خىتاينى قولغا ئالدى. فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ دېلو 1 مىليون 250 مىڭ ياۋرو )بىر مىليون 610 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى( نەق پۇلغا تاقىلىدىكەن.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، 2004 ‏ - يىلىدىن بۇيان ۋاقىتلىق ۋىزا بىلەن كوسوۋاغا كېلىپ تۇرۇۋاتقان بۇ ئەر - خوتۇن ئىككى خىتاي، ئالبانلارنى ئاساس قىلىنغان كوسوۋالىقلار بۇ يىل ئىككىنچى ئايدا ئامېرىكا قاتارلىق 52 دۆلەتنىڭ ۋە 27 دۆلەتتىن تەركىپ تاپقان ياۋرو رايونىنىڭ قوللىشى بىلەن سېربىيىدىن مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، كوسوۋانىڭ پايتەختى كىرىستىنا شەھىرىدە ۋە جەنۇبتىكى ئۇروسېۋا شەھىرىدە پۇل ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇلار ئەتكەسچىلىك بىلەن قولغا كەلتۈرگەن ياۋروپا پۇلىنى يېقىندا يەنە قانۇنسىز ۋاستە ئارقىلىق خىتاي پۇلىغا ئالماشتۇرۇپ دۆلىتىگە ئەۋەتكەندە قولغا ئېلىنغان.