پاكىستان خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا زەربە بېرىشىگە ياردەم قىلىدىغانلىقىنى يەنە بىلدۈرگەن

ئامېرىكىدىن چىقىدىغان مسن قانىلىدا خەۋەر قىلىشىچە، پاكىستان جۈمە كۈنى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىسلامى ھەرىكىتىگە زەربە بېرىشىگە ياردەم قىلىدىغانلىقىنى يەنە بىلدۈرگەن.

بۇ ھەقتىكى سۆزلەرنى پاكىستاننىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مەسئۇد خان 19-ئاۋغۇست جۈمە كۈنى بېيجىڭدا چاقىرىلغان بىر مۇھاكىمە يىغىندا ئوتتۇرىغا قويغان.

مەسئۇد خان مۇنداق دېگەن: دۆلەتلىرىمىز، شەرقىي تۈركىستان ئىسلامى ھەرىكىتى بىلەن ئۇرۇش قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. بىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى مەۋقەيىمىز تاشتەك قاتتىق. ھەرقانداق كۈچ ۋە ھەر قانداق بىر دۆلەت ئارىمىزغا سوغۇقچىلىق سالالمايدۇ.

پاكىستان بۇ خىل مەيدانىنى، خىتاي دائىرىلىرى 30،31-ئىيۇل قەشقەردە يۈز بەرگەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىنى پاكىستاندا تەربىيە كۆرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەندىمۇ ئىپادىلىگەن ئىدى.

قەشقەردە ۋەقە يۈز بېرىپ ئەتىسى پاكىستان ھۆكۈمىتى پاكىستاندىكى ئەڭ كۈچلۈك جاسۇسلۇق ئورگىنى-مۈشتەرەك ئىستىخبارات مۇدىرىيىتىنىڭ مۇدىرى ئەخمەت شۇجاھ پاشانى بېيجىڭغا ئەۋەتكەن.