خىتاي، ئامېرىكا ۋە ياۋروپانى لىۋىيىگە قارشى ئۇرۇشىنى توختىتىشقا چاقىردى

ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ لىۋىيىدە ئۇچۇش چەكلەنگەن رايون بەرپا قىلىش قارارىغا ئاساسەن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئەسكىرىي ھەرىكەتلىرى داۋاملاشماقتا.

ئەسكىرىي ھەرىكەت 3 ‏-كۈنىگە قەدەم قويغاندا خىتاي، ھىندىستان، برازىلىيە ۋە شىمالىي كورىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىنى ئۇرۇش توختىتىشقا چاقىردى.

خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار باياناتچىسى، بۈگۈنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا «ئۇرۇشنى دەرھال توختىتىپ، مەسىلىنىڭ تەرەپلەر ئارىسىدا تىنچ شەكىلدە ھەل قىلىنىشى كېرەك» لىكىنى بىلدۈردى. خىتاي باياناتچى داۋام قىلىۋاتقان ھۇجۇملاردا پۇقرالارنىڭمۇ زىيان-زەخمەتكە ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

خىتاي ئۇزۇن يىللاردىن بېرى خەلقئارا مەسىلىلەردە دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشماسلىق شوئارىنى تەكىتلەپ كەلگەن بولسىمۇ، ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ لىۋىيە ھەققىدە ئاچقان جۈمە كۈنكى يىغىندا ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچكەن؛ بۇنىڭ بىلەن فرانسىيىنىڭ باشچىلىقىدا سۇنۇلغان قارار لايىھىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تەستىقتىن ئۆتكەن ئىدى.

لىۋىيە مەسىلىسىدە خەلقئارا جامائەتنىڭ پىكرىگە بويسۇنۇشقا مەجبۇر بولۇپ قالغان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ مەزكۇر تارىخىي قارارغا قارشى تۇرماسلىق مەيدانىنى ئەرەب ۋە ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ مەزكۇر قارارنى قوللىغانلىقىنى سەۋەب قىلىپ كۆرسەتكەن ئىدى.

لىۋىيىدە ئەسكىرىي ھەرىكەت باشلانغاندىن بۇيانقى دۆلەتلەرنىڭ ئىنكاسلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۆز دۆلەتلىرىدە مىللىي مەسىلە ياكى ئىجتىمائىي ئادالەت مەسىلىسى مەۋجۇت بولغان دۆلەتلەرنىڭ ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ كازافىيغا قارشى ئەسكىرىي ھەرىكەتلىرىدىن بىئارام بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.