خەلقئارا مەتبۇئاتلار خىتاينىڭ لىۋىيە مەسىلىسىدە پۇرسەتپەرەسلىك قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە

كازافىي ھۆكۈمىتىگە قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقان لىۋىيە ئۆكتىچىلىرىنىڭ رەھبىرى ماخمۇد جىبرىل 21-ئىيۇن سەيشەنبە كۈنى بېيىڭغا يېتىپ كېلىپ، خىتايدىكى ئىككى كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلىدى.

بۈگۈن ئوخشاش بىر ۋاقىتتا يەنە لىۋىيىدىكى ئۆكتىچىلەرگە ياردەم ئۈچۈن كەلگەن ناتو قىسىملىرى كازافىي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىي قوماندانلىق شتابىنى بومباردىمان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خوڭلېي بۈگۈن ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لىۋىيە مەسىلىسىدە باشتىن-ئاخىر باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق تەرىپىنى تۇتۇپ كەلگەنلىكىنى، نۆۋەتتە لىۋىيىدىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ لىۋىيىدىكى ئاساسى سىياسىي كۈچلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما خىتاي باياناتچىسى سۆزىدە لىۋىيە ئۆكتىچىلىرىنىڭ رەھبىرى ماخمۇد جىبرىلنىڭ زىيارىتىگە دائىر باشقا تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلىمىغان.

چەتئەل ئاگېنتلىقلىرى بەرگەن خەۋەرلىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لىۋىيە مەسىلىسىدە پۇرسەتپەرەسلىك قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ئانالىزچىلار لىۋىيە ئۆكتىچىلىرىنىڭ رەھبىرى ماخمۇد جىبرىلنىڭ خىتاي زىيارىتى ھەم خىتاينىڭ لىۋىيە مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيىسىگە باھا بېرىپ، خىتاينىڭ نۆۋەتتە لىۋىيە ۋەزىيىتىگە ئارىلىشىشنى كۈچەيتىپ، تەرەپلەر ئارىسىدا ماداراچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ھەم لىۋىيىنىڭ نېفىت ساھەسىگە سالغان زور كۆلەمدىكى مەبلىغىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، پۇرسەتتىن پايدىلىنىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى.