خىتاي مائارىپ مىنىستىرى جوۋ جى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان

خىتاي مائارىپ مىنىستىرى جوۋجى 31 - ئۆكتەبىر كۈنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان بولۇپ، ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خىتاي مەتبۇئاتلىرىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، جوۋ جىنىڭ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇشى ھەمدە ئۇنىڭ ئورنىغا مۇئاۋىن مائارىپ مىنىستىرىنىڭ تەيىنلىنىشى شەنبە كۈنى يېپىلغان خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 11 - قېتىملىق قۇرۇلتىيىنىڭ 11 - نۆۋەتلىك يىغىنىدا ئېلان قىلىنغان.

جوۋجى ئالتە يىلدىن بۇيان بۇ ۋەزىپىنى ئىجرا قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ تېخى پېنسىيە يېشى توشمىغان ئىدى. خىتاي مەتبۇئاتلىرى ئۇنىڭ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇش سەۋەبى ھەم بۇنىڭدىن كېيىن قانداق ۋەزىپىگە قويۇلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلمىغان. بىراق، ئامېرىكا ئاۋازى ۋە ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مۇناسىۋەتلىك كۆزەتكۈچىلەر جوۋجىنىڭ پېنسىيە يېشى توشماي تۇرۇپ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇشىنىڭ مائارىپ ساھەسىدىكى چىرىكلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقان.

خەۋەرلەردە بايان قىلىنىشىچە، ئۇ ۋەزىپە ئۆتىگەن جەرياندا مائارىپ ساھەسىدە ناچار ئىستىللار بارغانسېرى كۈچىيىپ كەتكەن بولۇپ، بۇ مائارىپ ساھەسىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ چىرىكلىشىشى، ئوقۇش پۇلىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشى، ئىلىم ۋە مائارىپنىڭ بارغانسېرى سودىغا قاراپ يۈزلىنىشى ھەم باشقىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

كۆزەتكۈچىلەر جوۋ جىنىڭ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇشىدىكى ئاساسلىق ئامىللار قاتارىدا كىشىلەرنىڭ مائارىپ ساھەسىدىكى چىرىكلىككە بولغان نارازىلىقلارنىڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىشماقتا.