خىتاي، 2009 - يىلىدىن ئېتىبارەن ئاز سانلىق مىللەت يۇقىرى دەرىجىلىك ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيىلىمەكچى

خىتاي ھۆكۈمىتى 2009 - يىلى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە 12 ئۆلكە ۋە ئاپتونوم رايونىدىن 4700 نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئىختىساس ئىگىسى تەربىيىلەش پىلانى تۈزگەن بولۇپ، بۇ ساننىڭ ئىچىدە ماگىستىرلار 3700 نەپەر، دوكتورلار 1000 نەپەر بولىدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمەت ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ تەشۋىق قىلىشىچە، مەزكۇر 4700 نەپەر ئاز سانلىق مىللەت خادىمى خىتاي دۆلەتلىك مائارىپ نازارىتى بېكىتكەن بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق پۈتۈن خىتاي بويىچە 94 ئالىي مەكتەپتە تەربىيىلىنىدىكەن.

ھازىر بەزى جايلاردا تىزىمغا ئالدۇرۇش ئىشلىرى باشلانغان بولۇپ، ياش چەكلىمىسى بويىچە ئالغاندا ماگىستىرلىق ئۈچۈن ئوقۇيدىغانلار 40 ياش، دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇيدىغانلار 45 ياشتىن ئاشماسلىقى كېرەك. تاللىنىش نىشانلىرى، ئاساسلىقى ئىچكىرىدىكى "شىزاڭ سىنىپلىرى"، ئىچكىرىدىكى "شىنجاڭ سىنىپلىرى"، مىللىي ئالىي مەكتەپلەر، ئاز سانلىق مىللەت ماگىستىر ئوقۇغۇچىلىرىنى تەربىيىلەش بازىلىرى قاتارلىق ئورۇنلاردا خىزمەت قىلىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار ھەم باشقۇرغۇچى خادىملاردىن باشقا يەنە %10 ئەتراپىدا يۇقىرىقى ساھەلەرگە مۇناسىۋەتلىك بولغان خىتايلاردىن ئىبارەت ئىكەن.

بۇلاردىن باشقا يەنە ئالىي مەكتەپلەردە ئىشلەۋاتقان ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇش تارىخى بار ھەمدە ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغانلارمۇ ئۆزىنى تىزىملاتسا بولىدىكەن. لېكىن خەۋەردە، ئاز سانلىق مىللەت رايونىغا بېرىلىدىغان سان نىسبىتى ۋە مىللەت تەركىبىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ئېيتىلمىغان بولۇپ، ئۆز ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئۇيغۇر زىيالىيسىنىڭ ئېيتىشىچە، گەرچە ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئاساسلىق مىللەت بولسىمۇ، بىراق، ئۇيغۇرلارغا قويۇلىدىغان يۇقىرى خەنزۇ تىلى سەۋىيىسى ۋە چەتئەل تىلى سەۋىيىسى ھەم ئىدىيىسى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ھۆكۈمەتنىڭ مەزكۇر سىياسىتىدىن يەنىلا كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار بەھرىمەن بولالمايدىغانلىقى، ئۇنىڭ ئەكسىچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا تەقسىم قىلىنىدىغان ساننىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمىنى ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسى، خەنزۇلار ۋە باشقا خىتاي تىلىدا مائارىپ تەربىيىسى كۆرگەن باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىگىلەپ كېتىشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.