خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەزكۇر ھەربىي مانېۋىر ھەققىدە ئىزاھات بېرىپ، سېنكاكۇ ئاراللىرىغا مۇناسىۋەتلىك تالاش-تارتىشلارغا پۈتۈنلەي ياپونىيە تەرەپنىڭ مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى تەكىتلىدى.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تەرەپ بۇ قېتىمقى ھەربىي مانېۋىرنىڭ دۆلەت زېمىن پۈتۈنلۈك ۋە دېڭىز ھوقۇقىنى قوغداشقا قارىتىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
بۇ قېتىمقى مانېۋىرغا 11 پاراخوت، 8 ھەر خىل تىپتىكى ئايروپىلان ھەمدە 1000 دىن ئارتۇق ھەربىي خادىم قاتناشقان. بۇ سېنكاكۇ ئارىلى كرىزىسى كۈچەيگەندىن بۇيان خىتاينىڭ تۇنجى قېتىم كۆپ ساندىكى ئەسكىرى كۈچىنى ئىشقا سېلىپ ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشى ھېسابلىنىدىكەن. شەنبە كۈنى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى جەنۇبىي دېڭىزغا « گېئورگى ۋاشىنگتون» ناملىق ئاۋىئاماتكىسىنى ئەۋەتكەن.
شەنبە كۈنى ياپونىيىنىڭ خىتايدىكى باش ئەلچىسى سېنكاكۇ ئارىلى مەسىلىسىنى تېزدىن ھەل قىلمىغاندا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تېخىمۇ ناچارلىشىپ كېتىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.
فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يەكشەنبە كۈنى ياپونىيە قۇتقۇزۇش خادىملىرى 20-ئۆكتەبىر كۈنى ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىدە ئوت ئاپىتىگە ئۇچرىغان خىتاي يۈك پاراخوتىنى قۇتقۇزۇشقا قاتنىشىپ، 64 جۇڭگۇلۇقنى قۇتۇلدۇرۇۋالغان.