خىتايدا ھازىر چەتئەللەرنىڭ مەبلەغ سېلىش مۇھىتى ناچارلىشىۋاتىدۇ

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، خىتايدا ھازىر چەتئەللەرنىڭ مەبلەغ سېلىش مۇھىتى ناچارلىشىۋاتىدۇ. تۈنۈگۈن ئاقسارايدا، ئامېرىكا پەن - تېخنىكا سىياسەتلىرى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى خوردىلۇن بىلەن خىتاينىڭ پەن تېخنىكا مىنىستىرى ۋەن گاڭ بۇ مەسىلە ئۈستىدە سۆزلەشتى.

ئامېرىكا تەرەپ خىتايغا خىتاي ھۆكۈمىتى كېلىشىملەرگە ئەمەل قىلماي، يەرلىك پەن - تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىغا يول ئېچىش دېگەن نام بىلەن چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىشنى رەت قىلىۋاتىدۇ، بۇ، ئامېرىكىغا قىلىنغان رېقابەت دەپ كۆرسەتتى. بۇنىڭدىن بۇرۇن ياۋروپا شىركەتلىرىمۇ، بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتايدا مەبلەغ سېلىش مۇھىتى بۇزۇلۇۋاتىدۇ، دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.