فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئاۋسترالىيىنىڭ تاشقى سىياسىتى جەھەتتە ئېلىپ بېرىلغان بۇ راي سىناشتا، ھازىر ئاۋسترالىيە ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقدىشى بولغانلىقى ئۈچۈنلا خىتاي بىلەن توقۇنۇشۇپ قېلىۋاتىدۇ، دەپ قارايدىغان كىشىلەرنىڭ نىسبىتى 87%.
ھازىر كامبېرا ھۆكۈمىتى خىتاي مەبلەغلىرىگە بەك كۆپ يول قويۇۋەتتى دەپ ئەيىبلەۋاتقانلارنىڭ نىسبىتى 58%. خىتاي ھازىر ئاۋسترالىيىگە ھەربىي تەھدىت دەپ قارايدىغان كىشىلەرنىڭ نىسبىتى 50%.
راي ئىپادىلىگەن ئادەملەرنىڭ 75% ئى خىتايدا ئىقتىسادنىڭ ئۆسۈشى ئاۋسترالىيە ئۈچۈن پايدىلىق، دەپ قارىسا، 57% ئى كامبېرا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئاۋسترالىيىگە سالىدىغان مەبلىغىنى ئازايتىش كېرەك دەپ قارايدۇ.
56% ئى جەنۇبىي كورىيە بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ خىتايغا قارشى تۇرۇش كېرەك دەپ قارايدۇ. 58% ئى ئاۋسترالىيە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خىتايغا يېتەرلىك بېسىم ئىشلەتمىدى، دەپ قارايدۇ.