خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ: خىتاي مەدەنىيىتى غەربلىشىپ كەتمەكتە

خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ يېڭى يىلدا ئېلان قىلغان بىر پارچە ماقالىسىدە خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ غەرب مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ كېتىۋاتقانلىقىنى، ئەكسىچە چەتئەللەردىكى خىتاي مەدەنىيىتى تەسىرىنىڭ ئاجىز ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خۇنىڭ ماقالىسى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئورگان ژۇرنىلى_ «ھەقىقەت ئىزدەش» ژۇرنىلىنىڭ يېڭى سانىغا بېسىلغان. خۇ ماقالىسىدە: خەلقئارا دۈشمەن كۈچلەر بىزنى غەربلەشتۈرۈش ۋە بۆلۈش تىرىشچانلىقىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرماقتا، دېگەندەك كونا ئىبارىلەر بىلەن ئۆز كۆز قارىشىنى بايان قىلغان.

ئۇ يەنە «غەرب كۈچلىرى » نىڭ خىتايدىكى ئىدېئولوگىيە ۋە مەدەنىيەت ساھەسىگە قول تىققانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە بۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن «كۈچلۈك تەدبىرلەر» نى قوللىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇ خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ چەتئەلدىكى تەسىرىنى ئاشۇرۇش ھەققىدە توختىلىپ: بىزنىڭ چەتئەلدىكى تەسىرىمىز ئاجىز بولۇۋاتقان شارائىتتا، غەرب مەدەنىيىتىنىڭ بىزدىكى تەسىرى كۈچلۈك بولماقتا، دېگەن.

ھالبۇكى، خۇ قايسى خىلدىكى تەدبىرلەر ئارقىلىق غەرب مەدەنىيىتىنىڭ خىتايدىكى تەسىرىنى چەكلەيدىغانلىقىنى كۆرسەتمىگەن.