مەلۇم بولۇشىچە، دوكلاتتا ئامېرىكا چەتئەل مەبلىغىنى باشقۇرۇش كومىتېتىغا تەكلىپ بېرىلىپ، يۇقىرىقى خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئامېرىكا بازارلىرىغا كېڭىيىشنى توسۇشقا،ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى «خۇاۋېي» ۋە «جۇڭشىڭ» شىركەتلىرى ئىشلەپچىقارغان ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى سېتىۋالماسلىققا چاقىرغان. خىتاينىڭ خۇاۋېي شىركىتى ھەم جۇڭشىڭ شىركەتلىرىنىڭ ئېلېكترونلۇق مەھسۇلاتلىرى ئەنگلىيە، ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ چەكلەنگەن بولۇپ، بۇ دۆلەتلەر ئېلان قىلغان تەكشۈرۈش دوكلاتلىرىدا، بۇ ئىككى شىركەتنىڭ خىتاي كومپارتىيىسى قارمىقىدا بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋىتى بارلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ دوكلاتى خىتاينى نارازى قىلغان بولۇپ، خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى خۇڭ لېي 8-ئۆكتەبىر كۈنى بايانات بېرىپ، خۇاۋېي ۋە جۇڭشىڭ شىركىتىنى ئاقلاپ، ئامېرىكىنىڭ«بىر تەرەپلىمە قاراشلارغا خاتىمە بېرىپ، ئامېرىكا، خىتاي سودا مۇناسىۋەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ھەسسە قوشۇشى كېرەك» لىكىنى بىلدۈردى.
