ئەنخۇيدا ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى

تۈنۈگۈن خىتاينىڭ ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ ئەنچىڭ شەھىرىدە، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نارازىلىق نامايىشى يۈز بەرگەن. نامايىش، ئالدىنقى كۈنى ساقچىلار، ئىككى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى يولۇققان قاتناش ۋەقەسىنى ئادىل بىر تەرەپ قىلمىغانلىقى ئۈچۈن كېلىپ چىققان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2010.09.07
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

مەلۇم بولۇشىچە، ھۆكۈمەت ئىدارىسىغا مەنسۇپ بىر كىچىك ئاپتوموبىل شوپۇرى ئالدىنقى كۈنى يولدا ۋېلىسىپىت بىلەن كېتىۋاتقان ئىككى ئوقۇغۇچىنى ئاپتوموبىلى بىلەن سوقۇۋەتكەن. قازاغا ئۇچرىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ دوستلىرى، ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى ھەيدىگەن شوپۇرنىڭ شوپۇرلۇق كىنىشكىسى يوقلۇقىنى ۋە زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچى ئىكەنلىكىنى بايقىغان.

نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن ساقچىلار شوپۇرغا تېگىشلىك قاتتىق مۇئامىلە قىلمىغان، ئەكسىچە ئۇنى قانات ئاستىغا ئالغان. بۇنىڭ بىلەن بىر قانچە يۈز ئوقۇغۇچى، ئەنچىڭ شەھىرىنىڭ ئاۋات كوچىلىرىدىن بىرىگە توپلىنىپ نامايىش ئۆتكۈزگەن.
 
نامايىشچىلار، "ۋەقە ئادىل بىر تەرەپ قىلىنسۇن، ھۆكۈمەت ئالدىمىزغا كېلىپ جاۋاب بەرسۇن، ۋەقەنىڭ پەردە ئارقىسى ئاشكارىلانسۇن" دېگەندەك مەزمۇنلاردا ۋىۋىسكىلارنى كۆتۈرگەن.
 
 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.