مەلۇم بولۇشىچە، ھۆكۈمەت ئىدارىسىغا مەنسۇپ بىر كىچىك ئاپتوموبىل شوپۇرى ئالدىنقى كۈنى يولدا ۋېلىسىپىت بىلەن كېتىۋاتقان ئىككى ئوقۇغۇچىنى ئاپتوموبىلى بىلەن سوقۇۋەتكەن. قازاغا ئۇچرىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ دوستلىرى، ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى ھەيدىگەن شوپۇرنىڭ شوپۇرلۇق كىنىشكىسى يوقلۇقىنى ۋە زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچى ئىكەنلىكىنى بايقىغان.
نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن ساقچىلار شوپۇرغا تېگىشلىك قاتتىق مۇئامىلە قىلمىغان، ئەكسىچە ئۇنى قانات ئاستىغا ئالغان. بۇنىڭ بىلەن بىر قانچە يۈز ئوقۇغۇچى، ئەنچىڭ شەھىرىنىڭ ئاۋات كوچىلىرىدىن بىرىگە توپلىنىپ نامايىش ئۆتكۈزگەن.
نامايىشچىلار، "ۋەقە ئادىل بىر تەرەپ قىلىنسۇن، ھۆكۈمەت ئالدىمىزغا كېلىپ جاۋاب بەرسۇن، ۋەقەنىڭ پەردە ئارقىسى ئاشكارىلانسۇن" دېگەندەك مەزمۇنلاردا ۋىۋىسكىلارنى كۆتۈرگەن.