جەنۇبى خىتاي سەھەر گېزىتىدە كۆرسىتىشىچە، مەزكۇر شەھەرلەردىكى ساقچىغا ئالاقىدار خادىم، ساقچى ۋە ئىشپىيونلار بۇ رايونلاردىكى ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ ئىز - دېرىكىنى 24 سائەتلەپ ئىگىلەپ تۇرۇش ئۇچۇن مەخسۇس يوشۇرۇن ھەرىكەت باشلىغان.
خەۋەردە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، بېيجىڭ دائىرىلىرى شاڭخەي شەھەرلىك ھۆكۈمەتتىن يەرمەنكىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى قاتتىق تەلەپ قىلىپلا قالماي، بەلكى قوشنا شەھەرلەرگىمۇ بۇ خىلدىكى بېسىمنى ئاشۇرغان. نەتىجىدە خىتاي مەخپىي خادىملىرى مەزكۇر شەھەرلەردىكى نۇقتىلىق جايلاردىمۇ كۆزىتىش ئېلىپ بېرىشنى كۈچەيتكەن.
خەۋەردە ئاشكارىلىنىشىچە، 2008 - يىلى جەنۇبىي خىتاي ھاۋا يوللىرىنىڭ ئايروپىلانىغا پارتلاتقۇچ ئېلىپ چىققان ئۇيغۇر قىز گۈزەلنۇر تۇردى ئەسلى يىۋۇدا تۇرغان بولۇپ، خىتاي ئىشپىيونلىرى گۈزەلنۇرنىڭ يىۋۇدىن كەلگەنلىكىنى بايقىغاندىن كېيىن، يىۋۇدىكى ئۇيغۇر جامائىتى خىتاي جاسۇسلۇق ئورگانلىرى ئەڭ كۈچلۈك دىققەت قىلىدىغان بىر گۇرۇپپا كىشىلەرگە ئايلانغان.
ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ خىتاينىڭ يىۋۇ قاتارلىق جايلىرىدا ئېلىپ بارغان بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى توغرىسىدىكى خەۋەردە، بىر ئەمەلدارنىڭ جەنۇبى خىتاي سەھەر گېزىتىگە بىلدۈرۈشىچە، يىۋۇدا ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن مۇسۇلمانلار سودا قىلىدىكەن. بۇ ئۇيغۇر ئېلىدىن قالسا ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ياشايدىغان شەھەرلەرنىڭ بىرى ئىكەن.
ئۇنىڭدىن باشقا يىۋۇدا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن مۇسۇلمانلارمۇ بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، يىۋۇ شاڭخەي شەھىرىگە يېقىن بولغاچقا مەزكۇر شەھەر خىتاي دائىرىلىرىنىڭ كۈچلۈك بېسىمىغا دۇچ كەلگەن.