خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جيېچى ئەرەب-خىتاي ھەمكارلىق مۇنبىرى يىغىنىدا كۈچلۈك بېسىمغا ئۇچرىغان

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جيېچى پەيشەنبە كۈنى تۇنىسنىڭ خاممامەت، دېگەن يېرىدە چاقىرىلغان 5‏-نۆۋەتلىك ئەرەب ئەللىرى-خىتاي ھەمكارلىق مۇنبىرى يىغىنىدا ئەرەب ئەللىرىنىڭ سۈرىيە مەسىلىسىدىكى بېسىمىغا ئۇچرىغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 31‏-ماي خەۋەر قىلىشىچە، ئەرەب ئەللىرى ئەمەلدارلىرى خىتاينىڭ ئۆز تەسىر كۈچىنى ئىشلىتىپ، سۈرىيە ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشى، سۈرىيىدە زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ داۋاملىق يۈز بېرىشىنى توسۇشنى تەلەپ قىلغان. يىغىندا كۇۋەيت تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەيخ ساباخ خالىد ئەل-ساباخ ئەسكەرتىپ: خىتاينىڭ سۈرىيىدە زوراۋانلىق ۋە ئادەم ئۆلۈش ۋەقەلىرىنىڭ داۋاملىق كېڭىيىشىنى توسۇشقا ھەسسىلەپ كۈچ چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، دېگەن.

تۇنىس پرېزىدېنتى مانسېف مارزوقى ئەسكەرتىپ: خىتاي سۈرىيە خەلقىنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم قىلىشى كېرەك، دېگەن. ئۇ يەنە ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر سۈرىيىگە ھېچقانداق ھەرىكەت قوللانمىسا، بۇنىڭ ھەربىي ئارىلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي بىلەن رۇسىيە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ سۈرىيە پرېزىدېنتى باشار ئەل-ئەسەدكە ئېمبارگو قويۇش پىلانىغا قارشى چىققان. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن يېقىندا سۈرىيىنىڭ خوۋلا شەھىرىدە يۈز بەرگەن قىرغىنچىلىق خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتاي بىلەن رۇسىيىگە بولغان نارازىلىقىنى ئىلگىرىلەپ كۈچەيتىۋەتكەن ئىدى.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى ھىلارىي كلىنتون خانىم تۈنۈگۈن رۇسىيە بىلەن خىتاينى تەنقىدلەپ، بولۇپمۇ رۇسىيىنىڭ پوزىتسىيىسى سۈرىيىدە ئىچكى ئۇرۇش پارتلىشىغا تۈرتكە بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ يەنە، سۈرىيىگە ھەربىي مۇداخىلە قىلىش ئېھتىماللىقى بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. لېكىن ياڭ جيېچى ئەرەب-خىتاي ھەمكارلىق مۇنبىرى يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە سۈرىيە مەسىلىسىنى تىلغا ئالمىغان.