خىتاي، مىسىر خەلقىنىڭ ئىرادىسىگە كېچىكىپ ھۆرمەت بىلدۈردى

مىسردىكى پرېزىدېنت سايلىمىدا مۇسۇلمان قېرىنداشلار جامائىتىنىڭ ۋەكىلى مۇھەممەد مۇرسى غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ۋە تەشكىلاتلار مىسىرنىڭ يېڭى پرېزىدېنتىنى ۋە مىسىر خەلقىنى تەبرىكلەشتى. تەبرىكلىگۈچىلەر ئارىسىدا خىتاي دۆلەت پرېزىدېنتى خۇ جىنتاۋمۇ بار.


خۇ جىنتاۋ تەبرىكنامىسىدە، مىسىر خەلقىنىڭ ئىرادىسىگە ھۆرمەت بىلدۈرىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. ئەمما ئۆتكەن يىلى مىسىر خەلقى كونا ھاكىمىيەتكە قارشى مەيدانلاردا نامايىش قىلىۋاتقاندا، مۇبارەكنىڭ باستۇرۇشىغا دۇچ كېلىپ قېنى تۆكۈلۈۋاتقاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى مىسىر خەلقىنىڭ ئىرادىسىگە قىلچىمۇ پەرۋا قىلمىغان ئىدى. خىتاي مەتبۇئاتلىرى شۇ مەزگىللەردە مىسىردىكى نامايىشچىلارنى توپىلاڭچىلار دەپ ئەيىبلىگەن، خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ مىسىرنىڭ مۇقىملىقىنى تەكىتلەپ سابىق پرېزىدېنت مۇبارەكنى قوغدىغان ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىسىر خەلقىنىڭ ئىرادىسىنى كېچىكىپ ھۆرمەتلىشى يەنى كۈرەش قىلىۋاتقان چېغىدا ئەمەس، بەلكى غەلىبە قىلغان چېغىدا تەبرىكلىشى مەتبۇئاتتىكى بىرقسىم ئىنكاسچىلارنىڭ مەسخىرىسىگە ئۇچرىدى.

مىسىردىكى سايلامدا تەختكە چىققان مۇھەممەد مۇرسى مۇسۇلمان قېرىنداشلار ناملىق خەلقارا تەسىرگە ئىگە بىر ئسلامىي جامائەتنىڭ ۋەكىلى بولۇپ، مەزكۇر جامائەت مىسىردىكى پرېزىدېنت سايلىمىغا ئادالەت ۋە ئەركىنلىك پارتىيسى نامىدا ئىشتىراك قىلغان.