بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇاڭ شۆپىڭ پەيشەنبە كۈنى مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىش ئارقىلىق خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ سۆزىدە ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە ئېغىر زىيان سېلىپ، تەيۋەن ئارىلىنىڭ مۇقىملىقىغا زىيان ئەكەلگەنلىكىنى، شۇڭا خىتاينىڭ ئامېرىكا - خىتاي ھەربىي سۆھبىتىنى توختىتىشنى قارار قىلغانلىقىنى ۋە بۇ مەيدانىدا ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
يېقىندا ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى -- پەنتاگان ئېلان قىلغان دوكلاتتا، خىتاينىڭ ھەربىي كۈچىنى قاتتىق تەرەققى قىلدۇرغانلىقىدىن تەيۋەن بىلەن خىتاي ئارىسىدا ھەربىي كۈچ جەھەتتە زور پەرق كېلىپ چىققانلىقىنى دوكلات قىلغان ئىدى.
دوكلاتتىن كېيىن رويتېرس ئاگېنتلىقى تەيۋەننىڭ ئامېرىكىدىن ف-16 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلان سېتىۋالماقچى بولغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى. خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇاڭ شۆپىڭ سۆزىدە بۇ ھەقتىمۇ توختىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ مەزكۇر دوكلاتنىمۇ يېقىندىن تەقىپ قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە ئامېرىكىنىڭ بۇندىن كېيىن سۆز ۋە ھەرىكەتلىرىگە دىققەت قىلىپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتى ۋە ئۇنىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىشىغا دەخلى قىلماسلىقى كېرەكلىكىنى ئاگاھلاندۇرغان.
ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋىتى ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە 6 مىليارد 400 مىليون دوللارلىق قورال - ياراق سېتىپ بېرىشنى قارار قىلىشى سەۋەبىدىن يىرىكلىشىپ، خىتاي ئامېرىكا بىلەن ھەربىي ئالاقىنى توختىتىدىغانلىقىنى ۋە تەيۋەنگە قورال - ياراق ساتقان ئامېرىكا كارخانىلىرىغا ئىمبارگو قويۇشنى ئويلىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.